باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
ئۈچ ياشلىق ئوغلىنى 52-قەۋەتتىن يەرگە تاشلىۋەتكەن نيۇيوركلۇق ئەر
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت | يوللانغان ۋاقىت:2014-01-13 14:37:08

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا 35 ياشلىق بىر ئەر مانخاتتون رايونىدىكى بىر ئېگىز بىنانىڭ 52–قەۋىتىدىن ئۈچ ياشلىق ئوغلىنى يەرگە تاشلىۋەتكەن، كېيىن ئۆزىمۇ بىنادىن سەكرەپ، دادا بالا ئىككىلىسى ئۆلگەن. ساقچىلار مۇنداق دېدى: ئۇلار دېلو مەلۇم قىلىش تېلېفونىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ نەق مەيدانغا يېتىپ بارغان، ھەمدە شۇ يەردىكى بىنا ئاستىدىن بۇ ئەرنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ جەسىتىنى بايقىغان.

بۇ ئەرنىڭ نەق مەيداندا ئۆلگەنلىكى جاكارلانغان، بىراق ئۇنىڭ ئوغلى بولسا شۇ يەرلىك دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن. ساقچىلار مۇنداق دېدى: بۇ ئەر بىلەن بالىنىڭ ئاپىسى بالىنىڭ ھېماتچىلىق ھوقۇقىنى تالىشىپ ئۇرۇشۇپ قالغان، ئانا بۇ بالىنى بېقىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن، ئەر يوقلاپ تۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. دىلو يۈز بەرگەن شۇ كۈنى بۇ ئەر ئەسلىدە شۇ يەرلىك ساقچى ئىدارىسىدە بالىنى ئانىسىغا تاپشۇرۇپ بەرمەكچى بولغان ئىكەن. لېكىن ئويلىمىغان يەردىن بۇ دىلونى سادىر قىلغان.ئېيتىلىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن جاي لىنكولىن سارىيىغا ئانچە يىراق ئەمەس ئىكەن.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق