باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
پىكاپ بىلەن ئايروپىلاننى توسۇۋالغان ھاكاۋۇر ئەمەلدار
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت | يوللانغان ۋاقىت:2014-01-13 14:26:02

ھىندونېزىيەدىكى بىر رايون باشلىقى سىرتقا كاماندروپكىغا چىقىپ قايتىشتا ئايروپىلانغا چىقالمىغاچقا، چاپارمەنلىرىنى ئەۋەتىپ ئايروپىلاننى توسۇپ ئۇچقىلى قويمىغان. بۇ ئىش خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ رايون باشلىقى ھىندونېزىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا ئۇچرىغان. خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ رايون باشلىقى يېقىندا ھىندونېزىيەنىڭ فولوس ئارىلىغا كاماندروپكىغا چىققان بولۇپ، ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ قايتماقچى بولغاندا، ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئۇنىڭغا ئايروپىلانغا يولۇچىلارنىڭ توشۇپ بولغانلىقىنى ئېيتقان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاچچىقىدا چاپارمەنلىرىگە پىكاپلارنى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش يولىغا ھەيدەپ كىرىشنى بۇيرىغان، پىكاپلار ئايروپىلاننىڭ ئالدىدا ئىككى سائەتتەك تۇرۇۋېلىپ، ئايروپىلاننى ئۇچقىلى قويمىغان.

بۇ ئىش تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، ھىندونۇزىيەدە غۇلغۇلا قوزغىدى. بۇ رايون باشلىقى ئەپۇ سورىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ يۇرتىغا تېزرەك قايتىپ يەرلىك خامچوت بىر تەرەپ قىلىشقا ئالدىراپ كەتكەچكە، بۇ ئىشنى سادىر قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ھىندونېزىيەنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى رايون باشلىقىغا مەكتۇب يوللاپ، ئۇنىڭغا ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ، بۇنچە ھاكاۋۇر بولۇپ كەتمەسلىكىڭ كېرەك دەپ تەنقىدلىدى. ھىندونېزىيە قاتناش مىنىستىرلىقىمۇ رايون باشلىقىنى ئۇچۇش بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىپ، يولۇچىلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئەتىگە دەخلى يەتكۈزدى، دەپ تەنقىدلىدى.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق