باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
ھەشەمەتلىك ماشىنا ئارقىلىق توخۇ كاۋىپى تەييارلىغان ئەر
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت | يوللانغان ۋاقىت:2014-01-13 14:39:39

غەرب ئەللىرىدە كۆپ ساندىكى ئائىلىلىكلەر ئوتتا توخۇ پىشۇرۇپ كاۋاپ قىلىش ئارقىلىق بايرامنى تەبرىكلەيدۇ. بىراق ئەنگىلىيەلىك بۇ ئەر ئادەتتىكىگە ئوخشىمايدىغان ئۇسۇل بىلەن قىممەت شۇنداقلا ئالاھىدە ئاشپەزلىك سايمىنى ئارقىلىق توخۇ كاۋىپىنى تەييارلىغان. لوندوندىكى بىر ئەر قىممىتى تەخمىنەن ئىككى مىليون 980 مىڭ يۈەن كېلىدىغان لامبۇرگنى (Lamborghini) پىكاۋىنى ئىشلىتىپ توخۇ كاۋىپى پىشۇرغان، يۇقىرى سۈرئەتتە ئايلانغان ماتورنىڭ ئوت پۈركۈپ چىقىرىشى ئاستىدا، بۇ ئەر پەقەت 10 مىنۇتتىلا توخۇ كاۋىپىنى تەييارلاپ بولغان.

بۇ ئەرنىڭ ئىسمى تىم.بۇرتون (Tim Burton)، ئۇ بىر دانە كۈركە توخۇ سېتىۋېلىپ، ماشىنىنىڭ ماتورىنى ئەڭ يۇقىرى ئات كۈچىگە تەڭشەپ، پىكاپنىڭ ئارقا قىسمىغا تۇرۇپ توخۇنى قاقلاپ پىشۇرغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ پىكاپنىڭ ئات كۈچى 511kw قا يېتىدىكەن. پىكاپ ماتورى يۇقىرى سۈرئەتكە يەتكەندە، غايەت زور ئوت يالقۇنى پۈركىلىپ چىققان. تەخمىنەن 10 مىنۇتتىن كېيىن، بۇ توخۇ سارغۇچ قوڭۇر رەڭگە كىرىش ئارقىلىق پىشقان. بۇرتون توخۇ كاۋىپى تەييارلىغان بارلىق كۆرۈنۈشنى سۈرەتكە ئېلىۋېلىپ، كېيىن ئۇنىYouTubeتورىغا چىقىرىۋەتكەن. بۇرتون:«بايراملاردا، ئەھمىيەتكە ئىگە كۈنلەردە توخۇ كاۋىپى تەييارلاش بولسا ئائىلىمىزنىڭ ئادىتى، بىراق بۇيىل مەن بىر يېڭىچە ئۇسسۇلنى سىناپ بېقىش مەقسىتىدە مۇشۇنداق قىلدىم، مېنىڭچە بۇ لامبۇرگنى پىكابى قاتناش قورالى قىلىشقا ماس كېلىپلا قالماستىن، يەنە ئاشپەزلىك قورالى قىلىشقىمۇ ماس كېلىدۇ، لېكىن مەن بۇخىل ئۇسسۇلدا توخۇ كاۋىپى تەييارلاشنى تەۋسىيە قىلمايمەن، چۈنكى كېرەكسىز گازنىڭ پۇرىقىغا چىداش تەس » دېدى.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق