باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
كۆپ قېتىملىق ئوپىراتسىيە قىلىپمۇ يەنە مەغلۇب بولغان ئادەم
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت | يوللانغان ۋاقىت:2014-01-13 14:49:09

ئامېرىكىلىق ئەر ۋېشىر 2006-يىلى ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن، بىر قېتىملىق «قاراملىق قىلىش» نى كۆڭلىگە پۈككەن، يەنى ئۇ بۇرنىنى ئوپېراتسىيە قىلىشنى ئويلاشقان. كۈتۈلمىگەن يەردىن ئۇ باشتىن-ئاخىر ئاۋارىچىلىققا ئۇچرىغان، شۇنىڭ بىلەن بىر نەچچە يىلدىن كېيىن، ئۇ بىر قانچە قېتىم بۇرنىنى ئوپېراتسىيە قىلىشقا مەجبۇرى بولغان. ئەڭ ئاخىرى بەختكە قارشى، بىر قېتىملىق ئوپېراتسىيىدە، دوختۇر ئۇنىڭ بۇرنىنى پۈتۈنلەي كېسىپ ئېلىۋەتكەن.

ۋېشىر 2006-يىلى ئاجرىشىپ كەتكەندىن باشلاپ بۇرنىنى ئوپېراتسىيە قىلىشقا باشلىغان. ئۇنى ئوپېراتسىيە قىلغان دوختۇر ئامېرىكىدىكى «داڭلىق» دوختۇرلاردىن بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ئەمما بىرىنچى قېتىملىق ئوپېراتسىيىدىن كېيىن ۋېشىرنىڭ نەپەسلىنىش سىستېمىسىدا مەسىلە كۆرۈلۈشكە باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن تەڭ، ئۇ بىر يىلنىڭ ئىچىدە يەتتە سەككىز قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق بىرىنچى قېتىملىق ئوپېراتسىيىدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلماقچى بولغان. بىر قېتىملىق ئوپېراتسىيىنىڭ ئالدىدا، ۋېشىر قۇلىقىنىڭ ئۈستىدىكى كۆمۈرچەك سۆڭەكنى ئېلىپ بۇرنىغا ئىشلىتىشىنى ئۈمىد قىلمايدىكەن. ئەمما دوختۇر ئاخىرى شۇنداق قىلغان. ئەڭ كېلىشمەيدىغان يېرى بولسا، ئەڭ ئاخىرى بىر قېتىملىق ئوپېراتسىيىدە دوختۇر ۋېشىرنىڭ قوۋۇرغا سۆڭىكىدىن كۆمۈرچەك سۆڭەك ئالغان، ئۇنىڭ سەۋەبى بولسا ئۇنىڭ قۇلىقىنىڭ كۆمۈرچەك سۆڭەكلىرى يېتىشمەي قالغان.

ۋېشىر 2011-يىلى بىر قېتىملىق «كېلىشمىگەن» ئوپېراتسىيىنى كۈتۈۋالغان. ئۇ ئوپېراتسىيە قىلىنىۋاتقاندا ئۇنىڭغا سېلىنغان ناركوز ئوكۇلىنىڭ ئۈنۈمى قالمىغان، شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۇ بۇرنىنىڭ پۈتۈنلەي كېسىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ قاتتىق ھەيران قىلغان. دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، ۋېشىرنىڭ بۇرنى شۇ ۋاقىتلاردا يۇقۇملىنىپ قالغان. ۋېشىر دوختۇرنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلغان. بىراق، ۋېشىر يەنىلا بۇرنى يوق بولۇشتەك بۇ قاباھەتتىن تولۇق قۇتۇلۇپ كېتەلمىگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ۋېشىر ئاخىرى «كۆپ قېتىملىق ئوپېراتسىيە» ئارقىلىق بۇرنىنى ئوڭشىماقچى بولغان. ئۇ «مەن ھەرگىزمۇ بۇنداق ئادەم بولۇپ قالسام بولمايدۇ، بۇنداق ياشىغاندىن ئۆلگەن ياخشى» دېگەن.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق