باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
دەرىجىدىن تاشقىرى سېمىز بالا
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت | يوللانغان ۋاقىت:2014-01-13 14:39:33

روسىيە «ھەممىنى چۈشىنىش» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، روسىيەنىڭ ۋولگوگرادتىكى 13 ياشلىق ئوغۇل بالا ساشانىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 180 كىلوگىرام بولۇپ، روسىيە بويىچە سېمىز كىشىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. بۇ ئوغۇل بالىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ساشا كەم ئۇچرايدىغان بىر خىل تۇغما سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، بەدىنىنىڭ يېتىلىشى ئاستا، ھەرىكىتى قولايسىز ئىكەن، ھەتتا مونچىغا چۈشكەن چاغدىمۇ باشقىلارنىڭ ياردىمىگە تايىنىدىكەن.

ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ ئۇرۇقلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئۇسۇللارنى ئويلىشىپ باققان بولسىمۇ، ئۇنىڭ يىمەكلىكنى كونترول قىلىش ئارقىلىق ئورۇقلىشى بەك تەسكە توختايدىكەن، ئەگەر بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىشقا توغرا كەلسە " ئاشخانىنىڭ ئىشىكىنى قۇلۇپلىۋېتىش " كېرەك ئىكەن. بىراق يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان ساشا مومىسى تۈزۈپ بەرگەن ئورۇقلاش پىلانىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئەتىگەنلىك، چۈشلۈك ۋە كەچلىك تاماقتىكى يىمەك-ئىچمەكلەرنى ماسلاشتۇرۇشقا دىققەت قىلىۋېتىپتۇ.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق