باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
بالىلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2014-01-16 18:16:08

ئەنگلىيە لوندون ئۇنۋېرسىتىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئۇخلاش ۋاقتى تەرتىپلىك بولمىغان، بولۇپمۇ سائەت 9دىن كىيىن ئۇخلايدىغان بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشى ئاستىلاپ، ئۆگىنىش ئىقتىدارى تۆۋەن بولىدىكەن. ئۇخلاش ۋاقتى تەرتىپلىك ۋە قېنىپ ئۇخلايدىغان بالىلارنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى يۇقىرى بولىدىكەن. بوۋاق بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشى ئىنتايىن تىز بولۇپ، بالىلارنىڭ تۇرمۇشى تەرتىپلىك بولغاندا، چوڭ مېڭە نورمال يېتىلىپ، بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ئىقتىدارىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن.

تەتقىقات گۇرۇپپىسى 11 مىڭدىن كۆپرەك 7 ياشلىق بالىنى يىغىپ ، بۇ بالىلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى ۋە ئەقىل بۆلۈنمىسى ئانالىز قىلغان. تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا، يېرىمدىن كۆپرەك بالىلار 7يېرىمدىن،8يېرىمغىچە ئۇخلاپ بولغان. ئۇخلاش ۋاقتى تەرتىپلىك بولمىغان بالىلارنىڭ ئوقۇش، ماتېماتىكا قاتارلىق سىناق نەتىجىسى ئوخشاش ياشتىكى بالىلاردىن تۆۋەن بولغان.قىز بالىلارنىڭ نەتىجىسى ئوغۇللارنىڭكىدىن تۆۋەن بولغان.تەتقىقاتچىلار ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ بالىلارنىڭ قېنىپ ئۇخلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەۋسىيە قىلغان.

تەتقىقاتچى كىشا پىرافىسسورنىڭ قارىشىچە، ياخشى بولمىغان ئۇخلاش ئادىتىنىڭ كەينىگە نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەر يوشۇرۇنغان. نۇرغۇنلىغان ئۇخلاش ۋاقتى تەرتىپلىك بولمىغان بالىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئائىلە ئەھۋالى ياخشى بولمىغان ئائىلىدە ياشاۋاتقان بولۇپ، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تۇرمۇش رېتىمى تەرتىپلىك بولمىغاچقا، بالىلار ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بىللە تېلېۋىزور كۆرۈش، تورغا چىقىش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، بالىلارنىڭ نورمال بولغان ئۇخلاش ئادىتى بۇزۇۋېتىلگەن. ئاتا-ئانىلارمۇ بالىلارنى ئۇخلاشقا دەۋەت قىلمىغاچقا، بالىلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتىمۇ چوڭلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى بىلەن ئوخشاش قالايمىقانلىشىپ، چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشى تەسىرگە ئۇچرىغان.

ئەنگلىيە خان جەمەتى بالىلار سالامەتلىكى ئاكادېمىيىسىدىكى روبىت دوكتورنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، تەتقىقات نەتىجىسىدە ئۇخلاش بىلەن چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىنىڭ بىۋاستە مۇناسىۋىتى باركەن.بالىلارنىڭ ئائىلىسىدىكى مەسىلىلەر ، بالىلارنىڭ ئۇيقۇسىغا تەسىر يەتكۈزىدىكەن. ئۇيقۇنىڭ ياخشى بولماسلىقى بالىلارنىڭ كىيىنكى ئۆگىنىش نەتىجىسىگە تەسىر يەتكۈزىدىكەن.ئائىلە شارائىتى قانداق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئائىلە باشلىقلىرى بالىلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە شارائىت ھازىرلاپ بېرىشى لازىم.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق