باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
103 ياشلىق موماي قىمارخانىدا تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت | يوللانغان ۋاقىت:2014-02-08 15:45:25

 

103 ياش ئەلۋەتتە قىمار ئوينايدىغان، بەدەندە چەكمە چېكىدىغان ياش ئەمەس، ئەمما ئامېرىكىنىڭ سېئاتىل شەھىرىدىكى 103 ياشلىق بىر موماي مۇشۇنداق ئۇسۇل بىلەن 103 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلىدى. ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئېۋېلىن كورتمان ئىسىملىك بۇ موماي قىمارخانىدا تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزگەن، ھەمدە ئۆمرىدە تۇنجى قېتىم بەدىنىگە چەكمە چەككەن.

كورتماننىڭ تۇرمۇشى ھاياتىي كۈچكە تولغان بولۇپ، تۇغۇلغان كۈنىدە ئۇنىڭ نەۋرىسى ئۇنى قىمارخانىغا ئېلىپ بارغان، ئۇ يەنە ئۆمرىدە تۇنجى قېتىم بەدىنىگە چەكمە چېكىپ، بىر قىزىل يۈرەك ئويدۇرغان. كورتماننىڭ نەۋرىسىنىڭ دوستلىرى فوتو ئاپپارات بىلەن ئۇنىڭ بەدەن چەكمىسى ۋە خۇشاللىقىنى سۈرەتكە ئېلىۋالغان.

كىشىلەر بۇ ئوماق موماينى «بۇزغۇنچى» موما دەپ چاقىرىدۇ. ئۇ توققۇز يېشىدا ئويۇنقېپى بولغاچقا، ئالتە ياشلىق ئىنىسى بىلەن بىللە Tشەكىللىك ئاپتوموبىل ئوغرىلىغان؛ بەش يىلدىن كېيىن ئوقۇتقۇچى بولغان. ئۇ ۋىسكىغا تولىمۇ ئامراق، ئۆمرىدە ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىنى باشتىن كەچۈرگەن، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئايغا چىققانلىقى ۋە 11- سېنتەبىر ۋەقەسىگە شاھىد بولغان. ئۇ يەنە ئاپتوموبىل ھەيدىگەن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن كىشى دېگەن نام بىلەن سېئاتىل ھەپتىلىك ژۇرنىلىغا چىققان، ھەتتا توردا ئۇنىڭ تاماكا چەككەن ۋە تاپانچا ئويناتقان سۈرەتلىرىنى تاپقىلى بولىدۇ. ئۇ يەنە چىلىغان كۆكتات تەييارلاشقا ئامراق ئىكەن.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق