باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
ھىندونېزىيەدىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ ناچار ھايۋاناتلار باغچىسى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت | يوللانغان ۋاقىت:2014-02-08 15:39:02

تۆمۈر زەنجىر بىلەن مەھكەم كىشەنلەپ قويۇلغان پىل، ئۇرۇقلاپ بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان تۆگە، قەپەسكە قىستاپ سۇلاپ قويۇلغان 150 دانە ساقىيقۇش. سىز مۇشۇنداق ناچار ھايۋاناتلار باغچىسىنى كۆرۈپ باققانمۇ؟ ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندونېزىيەنىڭ سۇرايابازو (Surayaba Zoo)ھايۋاناتلار باغچىسى «دۇنيادىكى ئەڭ قەبىھ، ئەڭ ناچار ھايۋاناتلار باغچىسى» بولۇپ باھالانغان. ھايۋاناتلار باغچىسى باشقۇرغۇچىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يېقىنقى ئۈچ ئاي ئىچىدە، سۇرايابازو ھايۋاناتلار باغچىسىدا ئۆلگەن ھايۋانلارنىڭ سانى 50 كە يەتكەن. پىلنىڭ ئۈچ پۇتى تۆمۈر زەنجىر بىلەن مەھكەم باغلاپ قويۇلغانلىقتىن، پەقەت ئۆز جايىدىلا تۇرالايدۇ، ئالدى-كەينىگە يۆتكىلەلمەيدۇ، كەركىدان قۇش تۇرىدىغان بوشلۇق تار بولغانلىقتىن، پەقەت ئاسمانغا قاراپ تۇرىدۇ، ئۇچاي دىسىمۇ ئۇچالمايدۇ. بۇلار يەتمىگەندەك يەنە ھايۋاناتلار باغچىسىنىڭ خادىملىرى گۆش ئارىسىغا فورمالدېگىد ئارلاشتۇرۇپ، سۇماترا يولۋىسىنىڭ ئۈچەي يولىنىڭ سېسىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. تېخىمۇ قورقۇنۇچلىقى، بۇلتۇر ئۆلۈپ قالغان زىراپىنىڭ ئاشقازىنىدىن 20 كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى يالتىراق خالتا چىققان.

ئىگىلىنىشىچە، سۇرايابازو ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى ھايۋانلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى داۋاملىق ئۆرلىگەن، تاراتقۇلار ھەمدە مۇناسىۋەتلىك تەشكىلاتلار بۇ ئىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلغان. لېكىن ھايۋاناتلار باغچىسىنىڭ باياناتچىسى ئاگۇس (Agus Supangkat)«دۇنيادىكى ئەڭ قەبىھ، ئەڭ ناچار ھايۋاناتلار باغچىسى» دېگەن باھانى ئىنكار قىلغان، لېكىن يەنە ئېتراپ قىلىپ: «بىزنىڭ ھايۋاناتلار باغچىمىزدا ھەقىقەتەنمۇ مەسىلە مەۋجۇت» دېگەن.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق