باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
ئىككى ياشلىق پادىچى ئەنگلىيەدىكى ئەڭ كىچىك پادىچى بولۇپ قالدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت | يوللانغان ۋاقىت:2014-02-08 15:40:01

غەربلىكلەر ئادەتتە، روژدېستىۋا بايرىمىدىن كېيىنكى بىرىنچى كۈنىدە قانغۇدەك ئۇخلاپ، ئاندىن ئالدىرىماي ناشتا قىلىدۇ. بىراق ئەنگلىيەلىك بىر پادىچى ئەتىگەندىلا ئورنىدىن تۇرۇپ، دورسېت ۋىلايىتىنىڭ يېزىسىغا بېرىپ قوي قوتىنىنىڭ قاشاسىنى ياسايدىكەن، جونېس ئىسىملىك بۇ پادىچى ئەنگلىيەدە داڭلىق بىرەيلەن ھېسابلىنىدۇ، ئاران ئىككى ياشتا بولۇپ، ئەنگلىيەدىكى يېشى ئەڭ كىچىك پادىچى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، جونىس دائىم دېگۈدەك قىشتا بالدۇرلا ئورنىدىن تۇرۇپ، سۈيۈملۈك قوي پادىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىكەن، بېشىدىكى ئاشۇ سىمۋۇل خاراكتېرلىق مۇيلۇق شەپكىسىمۇ ئۇنىڭ خىزمىتىدىكى قوراللىرىدىن بىرى. ئەنگلىيەدىكى بۇ يېشى ئەڭ كىچىك پادىچىنىڭ ئىقتىدارىمۇ قالتىس، ئۇنىڭ قولىدا ئالتە قوزىدىن تەشكىللەنگەن «ئەترەت» بار ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلار جونىسنىڭ جاپالىق ئەجرىنىڭ مەھسۇلى، دادىسىنىڭ نازارىتى ئاستىدا، ئۇنىڭ قوزىلارنى بېقىۋاتقىنىغا بىر يىلدەك بولۇپ قالغان. ئارتخۇرنىڭ قالتىس ئىقتىدارى شۇ يەردىكى پادىچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ، جەمئىيەتتىكى يېشى ئەڭ ئەزا بولۇپ قالغان.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق