باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
ھورۇنلار ئۈچۈن كەشىپ قىلىنغان ئۆزگىچە كەشپىياتلار(2)
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت | يوللانغان ۋاقىت:2014-02-11 17:04:20

ئەگەر سىز ئىشقا چۈشكەندە ئاپتوموبىل توسۇلۇپ قېلىش ۋە ماشىنا توختىتىش ئورنى تاپالمىسىڭىز تىت-تىت بولامسىز؟ ئۇنداقتا ئامېرىكىلىق لايىھىلىگۈچىلەر كەشىپ قىلغان ئەڭ يېڭى قاتناش قورالىنى ئويلىشىپ باقسىڭىز بولىدۇ. ئامېرىكا لوس ئانجىلىس لايىھىلىگۈچىلىرى بىر خىل ئاپتوماتىك ئاياق كەشىپ قىلغان بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەر بۇ ئاياق بىلەن پىيادە يول يۈرۈش ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلالايدۇ، راھەت يول يۈرەلەيدۇ.

ئەنگىلىيەلىك 33 ياشلىق دادا فۇرزى بالىسىنىڭ كۈمۈش رەڭلىك بالىلار ھارۋىسىغا بىر خىل ھەركەتلەندۈرگۈچى ماتۇر ئورناتقان بولۇپ، بالىلار ھارۋىسىنىڭ سائەتلىك سۈرئىتىنى 50 ئېنگىلىز مىلىغا يەتكۈزگىلى بولىدۇ. ئۇ بۇ بالىلار ھارۋىسىغا يەنە تۆت خوت ئورناتقان بولۇپ، بالىلار ھارۋىسىنى ئىتتىرىش ئاۋارىچىلىقىنى تۈگەتكەن.

ھورۇنلار كارۋىتىنى كەشىپ قىلغۇچى ئىتالىيەلىك ئېرىك بېيرود بىر خىل كارۋات كەشىپ قىلغان بولۇپ، پەقەت كۇنۇپكىنى بېسىپ قويسىلا كارىۋات ھەرىكەتلىنىشىكە باشلايدىغان بولۇپ، كارۋات تەكشى ئېچىلىدىكەن. بۇ كارىۋات ھەركىتى قولايسىز كىشلەرگە مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن كەشىپ قىلىنغان ئىكەن.

ئەگەر سىز ئالما تېلېفۇندا ۋېدىئو كۆرۈشكە، كىنۇ كۆرۇشكە ئادەتلەنگەن بولسىڭىز بوينىڭىز ئاغرىپ بىئارام بولىشىڭىز مۇمكىن. لايىھىلىگۈچىلەر لايىھىلىگەن بىر خىل يىلان شەكىللىك ئالما تېلېفۇن جازىسى سىزنى بۇ ئازابتىن قۇتۇلدۇرىدۇ.

ياپۇنىيە شىركىتى بىر خىل كومپىيۇتىر جازىسى كەشىپ قىلغان بولۇپ، بۇ كەشپىيات كىشىلەرنىڭ يېتىپ ياكى زوڭزۇيۇپ ئولتۇرۇپ كومپىيۇتىر ئىشلىتىش ئاۋارىچىلىقىنى تۈگىتىدۇ. بۇ خىل كەشپىيات ئۇلارنىڭ قولىنى تولۇق ئازاد قىلىدۇ.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق