باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
290 مىڭ يۈەن باھا قويۇلغان ئالتۇن قەلەم
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت | يوللانغان ۋاقىت:2014-02-11 17:20:51

 

چەتئەل تاراتقۇسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيەدىكى بىر تۈرلۈك ماللار شىركىتىدە يېقىندا سېرىق ئالتۇن ۋە ئاق ئالتۇن قۇيۇلۇپ سىپتا ياسالغان بىر قەلەم كۆرگەزمە قىلىندى، بۇنىڭ باھاسىنى خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا تەخمىنەن 290 مىڭ يۈەن كېلىدىكەن. بۇ قەلەم قولدا ياسالغاندىن كېيىن 18Kلىق سېرىق ئالتۇن ۋە ئاق ئالتۇن قۇيۇلغان، ئىچىگە يەنە 1.8 كارانتلىق كېسىلگەن كۆك ئالماس قۇيۇلغان. تۈرلۈك ماللار شىركىتىنىڭ تور پونكىتىدە بۇنىڭغا 29 مىڭ فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 290 مىڭ يۈەن) باھا قويۇلغان. بۇ قەلەم دۇب ياغىچىدىن ياسالغان بىر مۇستەھكەم كۆرگەزمە قۇتىسىغا قاچىلانغان، يېنىغا يەنە بىر ئۈستەل يۈزى تىزىش بۇيۇمى قويۇلغان بولۇپ، ھەر ۋاقىت كۆرگەزمە قىلىشى ئۈچۈن قولايلىق يارىتىلغان.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق