باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
پاكسىتاندىكى جەسەت يەيدىغان ئاكا- ئۇكىلار تۈرمىگە قامالغان
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:نىجات | يوللانغان ۋاقىت:2014-04-17 17:55:38

    " يەر شارى بىرلەشمە خەۋەر ئاگىنىتلىقى " شياڭگاڭ " شەرىق تورى " 4- ئاينىڭ 15- كۈنىدىكى تېلگىراممىسدا ؛ پاكىستاندىكى بىر جۈپ ئاكا- ئۇكا جەسەت يىگەنلىكى ئۈچۈن ئىككى يىللىق قاماق جازاسىغا ھۈكۈم قىلىنغان ، بۇ ئىككىسى 2013- يىلى تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن يەنە ئادەم يېيىش خۇمارى تۇتۇپ ، قەبرىستانلىقتىكى بالىنىڭ جەسىدىنى كولاپ چىقىپ يىگەن .

      ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشچە ، بەزى ئاھالىلەرئالى(Mohammad Arif Ali
) ۋە ئاكىسنىڭ تۇرالغۇسدىن سېسىق پۇراق چىقىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلغان ،ساقچىلار ئادەم ئەۋەتىپ ئۇلارنىڭ تۇرالغۇسىنى ئاقتۇرغان ، نەتىجىدە ئىككسىنىڭ تۇرالغۇسىدىن بىر بالىنىڭ باش سۆڭىكى بايقالغان ، ئۆلگۈچىنىڭ يېشى 2-3 ياشقىچە ، ساقچى تەرەپ دەرھال ئالىنى قولغا ئالدى چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا ئاكىسى ئۆيدە يوق ئىدى ، شۇ جايلىق ئىدارە ئاكىسىنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان.

 ئالى تۇتۇلغاندىن كېيىن ، قەبرىستانلىقتىن بالىنىڭ جەسىدىنى كولاپ چىققانلىقى ئىقرار قىلدى بىراق ئۇ باشتىن - ئاخىرى بۇ ئىشنى ئاكىسىنىڭ قىلغانلىقىنى ، ئۆزىنىڭ بۇ ئىشقا ياردەم قىلمىغانلىقىنى ، ئەزەلدىن ئادەم گۆشى يەپ باقمىغانلىقىنى ئېيتتى . شۇ جايلىق ھۈكۈمەت بۇ بالىنىڭ سالاھىيىتى ۋە قايسى قەبرىدىن ئېلىنغانلىقىنى ئېنىقلىيالمىغان .

     ئىگىلىنىشچە ، ئاكا- ئۇكا 2011- يىلى بىر ئايالنىڭ جەسىدىنى ئوغۇرلاپ قاچقانلىقى ئۈچۈن ھەمدە جەسەتنىڭ پۇت -قوللىرىنى يېگەندىن كېيىن ، شۇ جايلىق ھۈكۈمەت جەسەتكە بىھۆرمەتلىك قىلدى دەپ ئەيىبلەپ 2 يىللىق قاماققا ھۈكۈم قىلغان .

  رەسىم خەۋەر بىلەن مۇناسىۋەتسىز

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق