باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
ھىلارىغا ئايىغىنى ئاتقان ئايال ئەيىبلەشكە ئۇچىرىغان ھەمدە 1 يىللىق قاماق جازىسىغا ھۈكۈم قىلىنشى مۇمكىنكەن
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:نىجات | يوللانغان ۋاقىت:2014-04-17 17:59:11
 

 

ئامېرىكنىڭ ئاۋۋالقى دۆلەت كاتىپى ھىلارى . كىلىنتون 10- ئاپرىل لاس ۋىگاستا نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندا ، بىر ئايال ئۇنىڭغا قارىتىپ نەرسە ئاتقانلىقى ئۈچۈن ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ، ھىلارى ئۆزىنى دالدىغا ئالغان ، بۇ ئىشقا قارىتا ھېچنىمە دېمىگەن ، يەنە بۇ ئشىنى تىلغا ئېلىپ چاقچاق قىلغان.
       جوڭشىن تورى 4- ئاينىڭ 15- كۈنى ، چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرى خەۋىرى ، ئامىرىكنىڭ ئاۋالقى دۆلەت كاتىپى ھىلارى .كىلىنتون 10- ئاپرىل لاس ۋېگاستا نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندا بىر ئايال ئۇنىڭغا قارىتىپ ئايىقىنى ئېتىپ قارشلىق بىلدۈرگەن ، ئامىرىكا فىدىراتسىيە ھۈكۈمىتى مۇناسىۋەتلىك بۇ ئايالنى جازاغا تارتىشنى قارار قىلغان.
ئىگىلىنشىچە ، بۇ ئايال 36 ياش ئىكەن ، شۇ جاي ۋاقتى 13- ئاپرىل لاس ۋېگاس رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ ئايالنى ئەيىبلىگەن ، 14- ئاپرىل بۇ ئايالنى چەكلەنگەن سورۇنغا قانۇنسىز باستۇرۇپ كىرىش ۋە زوراۋانلىق ھەركىتى ئېلىپ بارغان دەپ ئىككى خىل ئەيىبلىگەن.
بۇ ئايال ئايىقىنى ئاتقاندىن كىيىن شۇ جايلىق ھۈكۈمەت قولغا ئالغان ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئايىقىنى ئاتقانلىقىنى ئىقرا قىلغان ، بىراق نىمىشقا بۇنداق قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن ، ئەگەر جازاغا تارتىلىپ قالسا ئۇ بەلكىم 1 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مومكىنكەن
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق