باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
NASA يەر شارىغا ئوخشاپ كېتىدىغان سەييارىنى بايقىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:نىجات | يوللانغان ۋاقىت:2014-04-18 16:33:32

 جۇڭشىن تورىنىڭ 4-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى خەۋىرى چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 4-ئاينىڭ 17-كۈنى نەشر قىلىغان «ئىلىم-پەن» ژورنىلىغا بېسىلغان تەتقىقات نەتىجىلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئاستىرونوملار، ئىنسانلار ھازىرغىچە ئىزدەپ كېلىۋاتقان يەر شارىغا ئەڭ بەك ئوخشىشىپ كېتىدىغان سەييارىنى بايقىغان بولۇپ، چوڭ-كىچىكلىكى يەر شارى بىلەن ئوخشاش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلدىغان تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ ئارىلىقىمۇ ئوخشاپ كېتىدىكەن، يەر قاتلىمىدا سۇيۇقلۇق مەۋجۈت بولۇش مۇمكىنچىلىكى بار ئىكەن.

كېپلېر -186fدەپ ئاتالغان (Kepler-186f) بۇ سەييارىنى ئامېرىكا ئالەم قاتناش ئىدارىسىدىكىلەر كېپلېر تېلىسكوپىدا بايقىغان. بۇ سەييارە ئاققۇ يۇلتۇز تۈركۈمىگە جايلاشقان بولۇپ، ھەجىمى يەر شارىنىڭ 1.1 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 500 يورۇقلۇق يىلى. بۇ سەييارە بىلەن ئەتراپىدىكى تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ ئارىلىقى ئۇزۇنمۇ ئەمەس، يىراقمۇ ئەمەس بولۇپ، يەر قاتلىمىدا سۇيۇقلۇق مەۋجۈت بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئالىملار، بۇ سەييارىنىڭ ھەر خىل خۇسۇسىيەتلىرى ئۇنى يەر شارى بىلەن ئوخشاش ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە قىلىشى مۇمكىن دېيىشتى.

ناسانىڭ ئاسمان جىسىملىرى فىزىكا بۆلۈمىنىڭ باش نازارەتچىسى پائۇل ھېرتىز، كېپلېر-186fنىڭ بايقىلىشى يەر شارىغا ئوخشايدىغان يەنە بىر سەييارىنى بايقىشىمىزغا تاشلانغان مۇھىم بىر قەدەم دېدى.

كېپلېر-186fئۆزىنىڭ يۇلتۇز تۈركۈمى سىستېمىسىنىڭ ئەڭ سىرتقى قىسىمىغا جايلاشقان سەييارە بولۇپ، ئاسترونومىيە ئالىملىرىبۇ سەييارىنىڭ ئورنى گەرچە ياشاشقا ماس كېلىدىغان رايونغا جايلاشقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئۇنىڭ راستىنلا ياشاشقا ماس كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ دەپ قارىدى.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق