باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
نىگېرىيە پرېزدېنتىنىڭ قىزىنىڭ تويىدا مېھمانلارغا بىردىن قىممەت باھالىق يانفون سوۋغا قىلىنغان
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:نىجات | يوللانغان ۋاقىت:2014-04-18 16:51:15

«مەركىزى ئاگېنتلىق»نىڭ 4-ئاينىڭ 16-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، نىگېرىيە پرېزدېنتى جوناسوننىڭ چوڭ قىزى فېيس ئۆتكەن شەنبە كۈنى ياتلىق قىلىنغان بولۇپ، تويغا كەلگەن مېھمانلارنىڭ ھەر بىرىگە سىرتقى قېپى سېرىق رەڭدە بولغان بىر دانە iPhone سوۋغا قىلىنغان.

خەۋەر قىلىنىشىچە، جوناسوننىڭ چوڭ قىزى فېيس بىلەن كۈيئوغۇل ئېدۋارد 4-ئاينىڭ 12-كۈنى نىگېرىيە پايتەختى ئابۇجادا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن، توينىڭ پۈتۈن جەريانى تېلىۋىزىيە ئارقىلىق تارقىتىلغان.بۇ تويغا تەكلىپ قىلىنغانلار يېقىن ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەر ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى. تويغا قاتناشقان ھەر بىر ئەزىز مېھمان بىر دانىدىن ئېسىل سوۋغا قوبۇل قىلغان--بىر دانە بۇيرۇتۇپ ياسالغان iphone يانفونى. بۇ يانفوننىڭ يالتىراپ نۇر چېچىپ تۇرغان سىرتقى قېپى بولغاندىن باشقا، يەنە ئۈستىگە تويى بولغان قىز-يىگىتىڭ ئىسمى ۋە توي بولغان چېسىلا ئويۇلغان.

بۇ ئالاھىدە سوۋغا بىر دانە نەپس ياسالغان قەھۋە رەڭلىق قەغەز قۇتىغا سېلىنغان بولۇپ، قەغەز قۇتىنىڭ سىرتىغا "قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزغا ۋە بەخت تىلىگىنىڭىزگە رەھمەت" دېگەن خەتلەر بېسىلغانىكەن. بۇ قەغەز قۇتا يەنە يېڭى توي قىلغانلارنىڭ سۈرىتى بېسىلغان قەغەزدىن ياسالغان ئاق رەڭلىك قول سومكىسىغا قاچىلىنىپ، مېھمانلارنىڭ ئۆز قولىغا بېرىلىپتۇ.

 

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق