باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
شىمالىي قۇتۇپتىكى مۇز ئۆيدە بىر كېچە تۇرالىغان ساياھەتچىلەر مۇكاپاتلىنىدىكەن
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:نىجات | يوللانغان ۋاقىت:2014-04-18 16:56:49

 

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ بىر قانچە كۈن بۇرۇن خەۋەر قىلىشىچە،  فىنلاندىيەدىكى بىر شەھەردە ھەر يىلى قاز-مۇزدىن بىر مېھمانخانا ياسىلىدىغان بولۇپ، ساياھەتچىلەر پەقەت بۇ مېھمانخانىنىڭ مۇز ئۆيىدە بىر كېچىنى ئۆتكۈزەلىسىلا، مېھمانخانىدىن ئۇلارغا بىر پارچە "كېنىشكە" چىقىرىپ بېرىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ شىمالىي قۇتۇپتىكى قەھرىتان سوغۇقتا بىر كېچىنى ئۆتكۈزگەنلىك ئىسپاتى قىلىدىكەن. 

 بىراق، بۇ مۇز ئۆي تەسەۋۋۇر قىلغىنىمىزدەك سوغۇق بولماستىن، بەلكى تېپىراتۇرىسى ئىزچىل ھالدا نۆل گىرادۇس ئەتراپىدا بولىدىكەن. مېھمانلارمۇ مۇز كارىۋاتتا يېتىپ مۇز ئادەمگە ئايلىنىپ قېلىشتىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدىكەن، چۈنكى، مېھمانخانا قوي يۇڭىدىن ئىشلەنگەن ئۇخلاش كىيىمى بىلەن تەمىنلىگەندىن باشقا، يەنە فىنلاندىيەنىڭ ئەنئەنىۋى ھورداقخانىسى مېھمانلارنىڭ ئىسسىنىۋېلىشغا ئېچىۋېتىلىدىكەن. ئاشخانىسىدىمۇ ئىسسىق ئىچىملىك بىلەن تەمىنلەيدىكەن، مۇز ئورۇندۇقنىڭ ئۈستىگىمۇ يۇڭلۇق تېرە قويۇلغانىكەن. ساياھەتچىلەر يەنە ياتاق سىرتىدىكى ئىسسىق سۇ كۆلچىكىگە چىقىپ ئېسىل ئامېرىكا ھارىقى ئىچكەچ شىمالىي قۇتۇپ نۇرىنى تاماشا قىلالايدىكەن.
     ئۇنىڭدىن باشقا، ساياھەتچىلەر يەنە شىمالىي قۇتۇپقا يېقىن بولغان ئىستىراھەت كەنتىگە بېرىپ،يېڭىدىن ياسالغان ئەينەك ئۆيدە ئولتۇرالايدىكەن. يۇمىلاق ئەگمە شەكىللىك ئۆينىڭ تېمىنىڭ سىرتى سۈزۈك رەڭدە بولۇپ، 15 ئېغىز ئۆينىڭ ھەممىسىگە ئىسسىقلىق ئېنىرگىيە ئەينىكى ۋە ئىسسىقلىق چىقىرىدىغان پول ياتقۇزۇلغان بولۇپ، مېھمانلارنىڭ شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزىنى كۆزىتەلىشىگە تولۇق شارائىت ھازىرلاپ بېرىدىكەن. ئەتىگىنى يەنە ناشتىلىق ئەكېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، ئۆيدىن چىقمايلا غىزالانغىلى بولىدىكەن.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق