باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
كورىيەلىك بىر ياش دادا تور ئويۇنىغا مەپتۇن بولۇپ كەتكەنلىكتىن ئوغلى ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالغان
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:نىجات | يوللانغان ۋاقىت:2014-04-18 16:40:43

 

 

كورىيە «مەركەز كۈندىلىك گېزىتى»نىڭ 4-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى خەۋىرىدە، كورىيەلىك بىر ئەر جېڭ (22 ياش) تور ئويۇنىغا مەپتۇن بولۇپ كەتكەنلىكتىن، ئىككى ياشلىق ئوغلىنى ئۆيىگە يالغۇز سولاپ قويۇپ، ئۆزى تورخانىدا تۇرۇپ بىر ھەپتىگىچە ئۆيىگە قايتمىغان، نەتىجىدە ئوغلى ئۆيىدە ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالغان. بىلىشىمىزچە، جېڭ ئون نەچچە ياش چېغىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، تور ئويۇنىغا مەپتۇن بولۇپ قالغان ھەم تورخانىدا ئىشلەپ تۇرمۇشىنى قامدىغان. ئۇ دائىم بىر ھەپتىلىك مائاشىنى ئالغاندىن كېيىن يېنىدىكى پۇل تۈگىگۈچە تور ئويۇنى ئوينايتتى. جېڭ 2010-يىلى تورخانىدا ئىشلەۋاتقاندا ئايالى بىلەن تونۇشۇپ قالغان ھەم 2011-يىلى بالىلىق بولغان، بىراق، بىر بالىغا دادا بولۇپ قالغان جېڭ يەنىلا ئۆزىنى ئوڭشىمىغان. جېڭنىڭ ئايالى يولدىشىنىڭ قىلغانلىرىغا چىداپ بولالماي، سىرتتىن خىزمەت تاپقاندىن كېيىن، بۇ يىل 2-ئايدا ئەر-ئايال ئىككىيلەن تۇرىۋاتقان ئىجارە ئۆيدىن ئايرىلغان. جېڭ ئۆزى يالغۇز تۇرمۇش كەچۈرۈپ، ئوغلىنى بېقىش جەريانىدىمۇ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتمىگەن. بۇ يىل 2-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا، ئۇ بالىسىنى ئۆيىگە سولاپ قويغاندىن كېيىن يەتتە كۈنگىچە ئۆيىگە قايتماي، بالىسىنىڭ ئۆلۈپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولغان. جېڭ ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندىن ۋاقىتتا، بالىسىنىڭ جەسىتى ئاللىبۇرۇن چىرىپ، سېسىق پۇراشقا باشلىغان. بۇ ئىشتىن كېيىن جېڭ ئۆيىنى باشقىلارغا ئىجارە بېرىۋەتمەكچى بولغان، ئۆي ئىجارە ئالغۇچى ئۆينى كۆرگىلى كەلگەن ۋاقىتتا، بالىنى ئەدىيالغان يۆگەپ بالكونغا ئېلىپ چىقىپ يوشۇرۇپ قويۇپ، 35 كۈننى ئۆتكۈزگەن، ئۇنىڭدىن كېيىن جېڭ بالىنى چوڭ بىر يالتىراققا سېلىپ ئۆيىدىن 1.5 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جايغا ئاپىرىپ تاشلىۋەتكەن. بىر نەچچە كۈن ئاۋۋال، جېڭنىڭ ئايالى بالىسى توغرىلىق سورىغاندا ئاندىن ئەھۋالنىڭ بىنورمال ئىكەنلىكىنى بايقاپ دېلو مەلۇم قىلغان، ئاخىرى جېڭ ساقچى تەرەپكە ئەھۋالنى بايان قىلىپ، ئۆزىنىڭ جىنايەتكارانە قىلمىشىغا ئىقرار بولغان. نۆۋەتتە بالىنىڭ جەسىتى تېپىلغان بولۇپ، ساقچىلار بۇ دېلوغا قارىتا مەخسۇس تەكشۈرۈشنى باشلىغان.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق