باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
ئايرىلغۇسى كەلمىگەن ھىندىستانلىق تۇتاش تەنلىك ئاكا-ئۇكا
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:نىجات | يوللانغان ۋاقىت:2014-04-18 16:52:38

ھىندىستاننىڭ Raipur دىكى بىر جۈپ تۇتاش تەنلىك قوشكېزەك ئاكا-ئۇكا Shivanath ۋە Shivram ، ئەتراپتىكى كىچىك كەنتتىكى كىشلەرنىڭ مۇنازىرە قىلدىغان قىزىق نۇقتىسى. ئۇلارنىڭ تۆت قولى ۋە ئىككى پۇتى بار بولغاچقا، شۇ يەرلىك كىشىلەر ئۇلارنى « ئىلاھنىڭ سىمۋولى»دەپ ئاتىشىدۇ. دوختۇرلا ئۇلارنى ئايرىۋېتىشكە بولىدۇ دەپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار بىر-بىرسىدىن ئايرىلىشنى خالىمىغان.
بۇ يىل 12 ياشقا كىرگەن بۇ بىر جۈپ ئاكا-ئۇكا بەل قىسمىدىن باشلاپ بەدىنى تۇتاش بولۇپ، ئۇلار بىر جۈپ پۇتىنى ئىشلىتىپ ئۆزلىرى خالىغا يەرگە مېڭىپ بارىدۇ. گەرچە ئۇلار تۇتاش تەنلىك بولسىمۇ ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى قىلالايدۇ. گەرچە ئۇلارنىڭ بىر ئاشقازىنى بار بولسىمۇ، لېكىن ئۆپكە، يۈرەك ۋە چوڭ مېڭە قاتارلىق چوڭ ئەزالىرى ئايرىم -ئايرىم. شۇ يەرلىك بىر دوختۇر ئۇلارنىڭ ئائىلسىدىكىلەرگە، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئىكەنلىكىنى، لېكىن كېيىنچە ئۇلارنى ئايرىۋېتىشكە ئامال يوقلىقىنى ئېيتقان. 
بۇ قوشكېزەكلەر ئىنتايىن ئەقىللىق ھەم چىداملىق بولۇپ، نۇرغۇن قېتىم مەشىق قىلىش ئارقىلىق ئۇلار ئۆزى قىلالايدىغان ئاددىي كۈندىلىك ئىشلارنى ئۆگىنىپ، ئۆزىنىڭ ھالىدىن ئۆزى خەۋەر ئالايدىغان ھالغا كەلگەن، مەسىلەن: يۇيۇنۇش، تاماق يىيىش، كىيىم كىيىش ۋە چاچ تاراش، ھەتتا ئۇلار قوشنىسىنىڭ بالىلىرى بىلەن بىرگە پالاق توپ، ئۇيۇن ئوينايدۇ. Shivanath مۇنداق دېدى:« بىز نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدۇق، ۋېلىسپىت مىنىپ مەكتەپكە بېرىش دېگەندەك».ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ سىنىپىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى پەخىرلىنىدىكەن. بۇ قوشكېزەكنىڭ دادىسى مۇنداق كۆرسەتتى، گەرچە ئۆزلىرىنىڭ ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش ھەققىنى تۆلەشكە ئىقتسادى يار بەرسىمۇ، بالىلىرىنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى، ھەمدە ئۆزىنىڭمۇ ئۇلارنى ئايرىۋەتكۈسىنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈردى. 
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق