باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
ئامېرىكىلىق جىنسىنى ئۆزگەرتكەن ئايال كەمسىتىشكە ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن تۆلەمگە ئېرىشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:نىجات | يوللانغان ۋاقىت:2014-04-18 17:18:48

 

 

ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتىدىكى 34 ياشلىق جىنسىنى ئۆزگەرتكەن ئايال ئامېرىكا بەدەن گۈزەللەشتۈرۈش شىركىتى ‹CrossFit›› ئاياللار گۇرۇپپىسىنىڭ بەدەن گۈزەللەشتۈرۈش مۇسابىقىسىگە تىزىملاتقاندا رەت قىلىشقا ئۇچرىغان ۋە جىنسىي جەھەتتىن كەمسىتىلگەن. نۆۋەتتە بۇ جىنسىنى ئۆزگەرتكەن ئايال مەزكۇر شىركەتنى ئەرز قىلغان ۋە ئىككى مىليون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى تۆلەمگە ئېرىشكەن.

خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىل 34 ياشقا كىرگەن ئايال چولى بۇنىڭدىن سەككىز يىل بۇرۇن جىنسىنى ئۆزگەرتىش ئوپراتسىيىسى قىلدۇرۇپ ئايالغا ئۆزگەرگەن، ئەمما يېقىندا CrossFit شىركىتى تەشكىللىگەن يىللىق بەدەن گۈزەللەشتۈرۈش مۇسابىقىسىگە تىزىملاتقاندا، ئىلگىرى ئەر بولغانلىقتىن رەت قىلىنغان. مەزكۇر شىركەتنىڭ ئېيتىشىچە، چولىي گەرچە ئاياللىق ھورمون ئىشلەتكەن بولسىمۇ، ئەمما بەدەن جەھەتتە يەنىلا ئاياللاردىن ئۈستۈن تۇرىدىكەن. جىنسىي كەمسىتىشكە ئۇچرىغانلىقتىن، 3-ئاينىڭ 6-كۈنى، چولېي مەزكۇر شىركەت ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنغان.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق