باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
بىرازىلىيەدە ئەر ساقچى دەم ئېلىشتىن كېيىن ئايالغا ئۆزگىرىپ ئىشقا چۈشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:نىجات | يوللانغان ۋاقىت:2014-04-18 17:22:42

 

خەلقئارا ئاخبارات لىنيىسى : ئەنگلىيە " كۈندىلىك پوچتا گېزىتى " نىڭ 25- يانىۋاردىكى خەۋىرىدە ، بىرازىلىيەدە گوئان شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ساقچى ئەمەلدارى ، 33ياشقا كىرگەن دىياگو ، دېن . كوستاتىۋا ئۇزۇندىن بۇيان ئايالغا ئۆزگىرىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى . ئالدىنقى يىلى يىل ئاخىرىدا ئۇ ئۈچ ئاي دەم ئېلىش ئېلىپ تايلاندغا بېرىپ جىنىس ئۆزگەرتىش ئوپراتىسيىسى قىلدۇرۇپ ، كىلەر ئايدا " لورا " ئىسىم بىلەن ئىدارىسىگە قايتىپ كېلىپ ئىشقا چۈشتى.

دىئاگونىڭ بىر بەخىتلىك ئائىسى بار بولۇپ ئايالى ۋە ئىككى بالىسى بار ؛ بىراق ئۇنىڭ ئەزەلدىن بىر ئايالغا ئۆزگىرىپ ياشاپ بېقىش ئىستىكى بولغاچقا ، بۇ نىيەتكە كەلگەن . دەسلەپ مەندە غەلىتە ئوي بارلىقىنى ھېس قىلدىم ھەمدە ئاستا - ئاستا شۇ تەرەپكە قاراپ مېڭىشقا باشلىدىم . ئاندىن ئۆزەمنىڭ راستىنلا غەيرى مىجەز ئىكەنلىكىمنى جەزىملەشتۈردۈم ؛ دەسلەپ مەن ئوپراتسىيە قىلغاندىن كېيىن خىزمەتداشلىرىدىمغا نىمە دەپ چۈشەندۈرۈشنى بىلمەي قالغان ، ھازىرغىچە قارىسام ئۇلارمۇ مېنى باشقىچە ئويلاپ كەتمىدى . ساقچى ئىدارىسىمۇ ئۇنىڭ بۇ ھەركىتىنى قوللىغان . دىياگونىڭ ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مۇنداق دىدى :" لورانىڭ جاسارىتىگە قايىلمەن ، بىز ساقچى ئىدارىسىدىكى ساقچى يولداشلارنىڭ چېرىكلىشىش ، زوراۋانلىق ۋە خىزمەتتە ئەستايىدىل بولماسلىققىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىمىز ، ئۇلارنىڭ ئايالغا ئۆزگىرىش ئۇلارنىڭ شەخسىيىتى دىگەن "

دىياگو ئىلگىرى ساقچى قىسمىدا تۆت يىل ئىشلىگەن . دەسلەپ ئالاھىدە زەھەر چەكلەش قىسمىدە ئىشلىگەن بولۇپ ، كېيىن بىر بۈلۈمنى مەسئولى بولغان . ھازىر ئۇ مەخسوس ئايال جىنايەتچىلەرنى باشقۇرىدىغان بۈلۈمگە يۆتكىلىشنى تەلەپ قىلغان ؛

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق