باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ياشاپ تۆھپە كۆرسىتىۋاتقان شىنجاڭلىقلار
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:نىجات | يوللانغان ۋاقىت:2014-04-24 18:07:58

 

بۇ بىر قانچە سۈرەتلەر ئىچكىردە ياشاۋاتقان شىنجاڭلىقلارنىڭ ھېكايىسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ، ئۇلار ھېچقانداق دىننى ياكى سىياسى مەقسەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتسىز. بۇ بىر توپ كىشىلەر يۇرتىدىن ۋە ئۆيىدىن ئايرىلغانلىقى ئۈچۈن باشقىلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇراتتى. ئۇلار كامېرا ئالدىدا ئۆزلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى ئەڭ نورمال، ئەڭ تۆۋەن ۋە ئەڭ تەسىرلىك بىر تەرىپىنى نامايان قىلدى. فوتوگراف: قۇربانجان سەمەت؛ تەھرىر: ۋېڭ چىڭ. (ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەشكە مەبلەغ يىغالمىغانلىقى ئۈچۈن، قۇربانجان ئاۋال سۈرەتلىك مەخسۇس تېما زىيارىتىدىن باشلىدى. بۇلار كەلگۈسىدىكى ھۆججەتلىك فىلىم ئۈچۈن تەييارلىق ۋە سېلىنچا بولغۇسى.

 

1. مېنىڭ ئىسمىم روشەنگۈل ئەلى. مەن شىنجاڭدىن كەلدىم، ئۇيغۇر مىللىتىدىن، بۇ يىل 25 ياشقا كىردىم. بېيجىڭدا ئىشلىگىلى 10 يىل بولدى، ھازىر بىر ئەرەپچە تاماقخانىدا نومۇر ئورۇنلايمەن. مەن بۇ يىلدىن باشلاپ ئېنگىلىزتىلى ئۆگىنىشنى باشلىماقچى، ھەمدە كېيىن پۇرسەت بولسا خەلقئارالىق ئەرەپچە ئۇسۇل مۇسابىقسىگە قاتنىشىشنى ئارزۇ قىلىمەن.

 

2. مېنىڭ ئىسمىم ئەخمەت ئابدۇرېھىم. مەن شىنجاڭدىن كەلدىم، ئۇيغۇر مىللىتىدىن، بۇ يىل 36 ياشتا. مەن 2000-يىلى بېيجىڭغا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشقا كەلگەن ئىدىم، جۇڭگو نېفىت ئۇنۋېرسىتىتىدا باكلاۋىرلىق ۋە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئالغاندىن كېيىن گېرمانىيىگە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇشقا باردىم، ھازىر بېيجىڭدىكى جۇڭگو نېفىت خىمىيە چارلاش ۋە تەتقىق قىلىپ ئېچىش تەتقىقات ئورنى چەكلىك شىركىتىنىڭ ADDAX تارمىقىدا مۇئاۋىن مۇدىر يىتەكچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىمەن. مېنىڭ بۇ يىلقى كۆرەش نىشانىم بولسا ئالىي ئىنژېنېرلىق ئۇنۋانىنى ئېلىش.

 

3. مېنىڭ ئىسمىم شيې يا ئېر. مەن شىنجاڭدىن كەلدىم، خەنزۇ مىللىتىدىن، ھازىر بېيجىڭ خەلق رادىئو ئىستانسىنىڭ قاتناش رادىئو ئۇزېلى «1039 ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر»«قاتناش خەۋەرلىرى» پروگراممىلىرىنىڭ رىياسەتچىسى. مېنىڭ يېقىندىكى بىر ئارزۇيۇم بولسا ھاۋا ياخشى بولغان بىر پەسىلدە خوتەنگە بېرىپ مېنىڭ كىچىك دوستۇم ئابدۇنى يوقلىغاچ ياخشى ئاپپاراتتىن بىرنى ئېلىپ بېرىپ نۇرغۇنلىغان گۈزەل سۈرەتلەرنى تارتىپ، خوتەننىڭ نۇرغۇن ئەتىرگۈل گۈلقەنتىنى سېتىۋېلىش.

 

4. مېنىڭ ئىسمىم ئالىم قادىر. مەن شىنجاڭدىن كەلدىم، ئۇيغۇر مىللىتىدىن، بۇ يىل 34 ياشتا. مەن باشلانغۇچ 3-يىللىقنى پۈتتۈرۈپلا ئوقۇشتىن چېكىنىپ چىقتىم ۋە سودا قىلىشنى باشلىدىم. 20 ياشقا كىرگەن ۋاقتىمدا شىنجاڭدىن ئايرىلىپ ئىچكىرگە كەلدىم، يېڭى كەلگەن ۋاقىتلاردا يول بويىدا يايما ئېچىپ قاشتېشى ساتقان ئىدىم، ھازىر ئىككى يىل بولدى ئاخىرى «ئالىم خوتەن قاشتېشى» دىگەن بىر قاشتېشى دۇككىنىنى ئېچىۋالدىم. مېنىڭ بۇ يىلقى ئارزۇيۇم بولسا مېنىڭ ئىسمىم «ئالىم» نى تاۋار ماركىسىغا ئايلاندۇرۇش ۋە شىنجاڭنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرى زەنجىرسىمان ماگىزىنىنى ئېچىش.

 

5. مېنىڭ ئىسمىم باي ئېرتا. ئايالىمنىڭ ئىسمى بايېر، بىز شىنجاڭدىن كەلدۇق، موڭغۇل مىللىتىدىن. مەن بۇيىل 30 ياشقا كىردىم، ئىلگىرى دۆلەت ئىچىدىكى بىرىنچى شۆبە زاڭزۇ بىرلەمچى ئوركېستر مانىشى سازەندىلەر كوللېكتىپىدا گىتتارچى ۋە تەھرىر بولغان ئىدىم. بايېر ئىككىمىز بۇ يىل تېخى يېڭى توي قىلدۇق، بايېر ئىلگىرى سازغا تەڭكەش بولۇپ ناخشا ئېيتاتتى، بىز ئىككىمىز بۇ يىل ئۆزىمىزنىڭ ئوركېسترىنى قۇرماقچى.

 

6. مېنىڭ ئىسمىم كەي بو. مەن شىنجاڭدىن كەلدىم، خۇيزۇ مىللىتىدىن، بۇ يىل 30 ياشقا كىردىم، بېيجىڭ UMG بىرلەشمە رادىئو ئاڭلىتىشىنىڭ رىياسەتچىسى. ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم بولسا بىر ستون رىياسەتچىسى بولۇش، خىزمىتىم مۇقىملاشقاندىن كېيىن ئاتا-ئانامنى بېيجىڭغا ئەكېلىۋالىمەن.

 

7. مېنىڭ ئىسمىم مەمەتدېكە دىلقار. مەن شىنجاڭدىن كەلدىم، تاجىك مىللىتىدىن، بۇيىل 24 ياشتا. مېنىڭ ئۆيۈم شىنجاڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيسىنىڭ داتوڭ يېزىسى شياۋتوڭ كەنتىدا، 2012-يىلى ئالىي تېخنىكۇمنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن شىنجاڭدىكى بىر شىركەتتە كەسىپ دىرېكتورى بولۇپ ئىشلىدىم، ھازىر مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چوڭلار مائارىپىدا بىلىم ئېلىۋاتىمەن. مەن تولۇق كۇرس ئۇنىۋانىمنى ئېلىپ بىر مۇقىم خىزمەت تېپىشنى ئۈمىد قىلىمەن، مېنىڭ ئارزۇيۇم بىر مۇقىم خىزمەتكە ئورۇنلىشىش.

 

8. مېنىڭ ئىسمىم مۇختەر تۇرسۇن. مەن شىنجاڭدىن كەلدىم، ئۇيغۇر مىللىتىدىن، بۇ يىل 25 ياشقا كىردىم. 2012-يىلى 6-ئايدا بېيجىڭغا كەلدىم، ھازىر بىر شىنجاڭ يەرلىك پۇراقلىق ئاشخانىدا ئاشپەز بولۇپ ئىشلەۋاتىمەن. بۇلتۇر 10-ئايدا مېنىڭ ئوماق ئوغلۇم مۇنىردىن دۇنياغا كۆز ئاچتى، مەن ئايالىم ۋە ئوغلۇمنى يېنىمغا ئەكېلىۋالدىم. مېنىڭ ئارزۇيۇم تىرىشىپ ئىشلەپ پۇل تېپىپ، ئوغلۇمنى بېيجىڭدا ياخشى تۇرمۇش ۋە ئوقۇش شارائىتىغا ئىگە قىلىش.

 

9. مېنىڭ ئىسمىم نەفىسە نېغمەت. مەن شىنجاڭدىن كەلدىم، ئۇيغۇر مىللىتىدىن، بۇ يىل 35 ياشقا كىردىم. مەن 2008-يىلى خۇادۇڭ سىياسى قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈردۈم، ھازىر شاڭخەي جىندۇ ئادۋۇكاتلىق ئورنىدا كەسپىي ئادۋۇكات بولۇپ ئىشلەۋاتىمەن، مەن بۇ يىلدىن باشلاپ ئامېرىكىنىڭ ئەمورىي ئۇنىۋېرسىتېتىغا سېلىشتۇرما قانۇن كەسپىنىڭ ماگىستىر-ئاسپىرانتلىق ئۇنىۋانىنى ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇشقا كىرىمەن. مېنىڭ ھازىرقى ئارزۇيۇم بولسا مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىلى بولۇپ سايلىنىپ ئاز سانلىق مىللەت ئاياللىرىنىڭ كىشلىك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش.

 

10. مېنىڭ ئىسمىم پەرھات ئالىمجان. مەن شىنجاڭدىن كەلدىم، ئۇيغۇر مىللىتىدىن، بۇ يىل 27 ياشقا كىردىم. مەن 2008-يىلى جۇڭگو ئاخبارات تارقىتىش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاخباراتشۇناسلىق كەسپىنى تاماملىدىم، ھەمدە دوسىتلىرىم بىلەن بىر مىللىي تولغانما ئۇسسۇل مۇزىكىسى ئوركېستىرىنى قۇرۇپ چىقتۇق، ھازىر ئۆيۈمدىكىلەر مېنى تېزراق ئۆي ئوچاقلىق بولۇشقا دەۋەت قىلىۋاتىدۇ، شۇڭا مېنىڭ ھازىرقى ئارزۇيۇم بولسا ياخشى بىر قىز دوست تېپىش.

 

11. مېنىڭ ئىسمىم توختىخان مەمەت. مەن شىنجاڭدىن كەلدىم، ئۇيغۇر مىللىتىدىن، بۇ يىل 42 ياشتا. مەن يولدىشىم بىلەن 15 يىل بۇرۇن خىزمەتتىن ئايرىلغاندىن كىيىن بېيجىڭغا كېلىپ ھازىرغىچە كوچىدا نان يېقىپ ساتتۇق. بىزنىڭ ئۈچ بالىمىز بار، ئىككىسى شىنجاڭدا بىرى بېيجىڭدا،  بىزنىڭ تىرىشىپ تىرمىشىپ تارتىۋاتقان جاپالىرىمىزنىڭ ھەممىسى بالىلىرىمىزنىڭ ياخشى تەربىيىنى قوبۇل قىلىپ، جەمئىيەتكە ياراملىق ئادم بولۇپ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈندۇر.

 

12. مېنىڭ ئىسمىم ھەسەنجان مەمەت. مەن شىنجاڭدىن كەلدىم، ئۇيغۇر مىللىتىدىن، بۇ يىل 32 ياشتا. مەن 2006-يىلى جۇڭگو گېئولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ ھازىر بېيجىڭ شەھەرلىك فاڭشەن رايونى شىدۇ بازىرى تارمىقىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى. مەن ئىلگىرى بېيجىڭ شەھرىنىڭ بىرىنچى تۈركۈم ستۇدېنت كەنت كادىرى يەنى بېيجىڭدىكى بىردىن بىر ئۇيغۇر كەنت كادىرى ئىدىم. بۇ يىل مەن قىز دوستۇم بىلەن تويىمىزنى قىلىپ بېيجىڭدا ماكانلىشىنى قارار قىلدىم.

 

13. مېنىڭ ئىسمىم يۈسۈپجان ئابلىكىم. مەن شىنجاڭدىن كەلدىم، ئۇيغۇر مىللىتىدىن، بۇ يىل 25 ياشتا. ئايالىم نۇربىيە ئىككىمىز ئوغلىمىز ئېرپان بىلەن پات ئارىدا كۆرۈشىشكە تەقەززامىز. بىز 2013-يىلى 5-ئايدا بېيجىڭغا كەلدۇق، ھازىر بېيجىڭدىكى بىر شىنجاڭ ئاشخانىسىدا ئىشلەيمىز، مەن ئاشپەز، ئايالىم مۇلازىمەتچى، بىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيىمىز ئاشخانا بىزگە ۋاقتىدا ئىش ھەققى بەرسە، بىر يىل پۇل يىغقاندىن كېيىن يۇرتقا قايتىپ كىيىم-كېچەك دۇككىنى ئېچىش.

 

14. مېنىڭ ئىسمىم ئوسمان يۈسۈپ. مەن شىنجاڭدىن كەلدىم، ئۇيغۇر مىللىتىدىن، بۇ يىل 30 ياشتا. مەن ياپونىيەدىن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتقاندىن كىيىن مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىدا ئىنتېرنېت تور ئىنژېنېرى بولۇپ ئىشلەۋاتىمەن. ئايالىم شىنجاڭدا قالدى، پات ئارىدا يەڭگىمەكچى، ئۇنىڭ ساق سالامەت يەڭگىشىنى، بالامنىڭ سالامەت دۇنياغا كۆز ئېچىشىنى ئارزۇ قىلىمەن.

 

15. مېنىڭ ئىسمىم شەۋكەت رېپىق. مەن شىنجاڭدىن كەلدىم، ئۇيغۇر مىللىتىدىن، بۇ يىل 30 ياشتا. مەن دوختۇر بولغىلى يەتتە يىل بولدى، 2012-يىلى بېيجىڭ قوراللىق ساقچى قىسىم مەركىزىي دوختۇرخانىسىنڭ سۆڭەك بۆلۈمىدە مەسئۇل ۋىراچلىق قىلىۋاتىمەن. بۇ يىل 6-ئايدا ئايالىم ئىككىمىز بىزنىڭ ئوماق پەرزەنتىمىزنىڭ تۇغۇلىشىنى كۈتىۋالىمىز. بالامنىڭ ساق سالامەت تۇغۇلىشىنى ئارزۇ قىلىمەن.

 

16. مېنىڭ ئىسمىم ئىدىرىس مەمەت. مەن شىنجاڭدىن كەلدىم، ئۇيغۇر مىللىتىدىن، بۇ يىل 27 ياشتا. ھازىر مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر تىلى ئەدەبىياتىنىڭ ئاسپىرانتلىق ئۇنۋانىدا ئوقۇۋاتىمەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى مەن تۈركىيىدە بىر يىل تۈرۈكچە ئۈگەندىم. بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن خىزمەت قىلىمەنمۇ ياكى يۇقىرلاپ دوكتۇرلۇقتا ئوقۇيمەنمۇ، مۇشۇ ئىش توغرىىسدا بېشىم قاتتى. مېنىڭ بۇ يىلقى ئارزۇيۇم مۇشۇ ئىشلارنى ھەل قىلىش.

 

17.  مېنىڭ ئىسمىم غۇنچە. مەن شىنجاڭدىن كەلدىم، ئۇيغۇر مىللىتىدىن، بۇ يىل 41 ياشتا، خەلق قوشاقچىسى، شائىر. مەن خوتەندە بىر ئاددىي ئائىلىدە تۇغۇلدۇم، تۇرمۇشىمىز نامرات بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاتا ئانام مېنى بىر خەنزۇ ئائىلىسىگە بىقىشقا بېرىپتىكەن، تولۇق ئوتتۇرىغا چىققاندا ئاندىن ئۆزۈمنىڭ ھەقىقىي ئائىلەمنى بىلدىم. مەن يېقىندا شېنجېندا بىر شىنجاڭ تېما قىلىنغان مەدەنىيەت باغچىسى قۇرۇشنى پىلان قىلىۋاتىمەن. بۇ يىل مەن مۇشۇ پىلانلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى، شۇ ئارقىلىق كۆپلىگەن ئادەملەرنىڭ شىنجاڭنى تونۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن.

 

18. مېنىڭ ئىسمىم جاڭ جىچاڭ. مەن شىنجاڭدىن كەلدىم، خەنزۇ مىللىتىدىن، بۇ يىل 35 ياشتا، مەن ھازىر شېنجېندا يانفون سودىسىنى قىلىۋاتىمەن. مەن قازاقىستانغا چىقىپ سودا قىلىۋاتقان چېغىمدا ئىسلام دىنىغا كىردىم، ھازىر ھەر كۈنى بەش ۋاخ ناماز ئوقۇيمەن. بۇ يىلقى ئارزۇيۇم بولسا، بىر مۇسۇلمان قىز بىلەن توي قىلىش.

 

19. مېنىڭ ئىسمىم ئەلىك ئابدۇرېھىم. مەن شىنجاڭدىن كەلدىم، ئۇيغۇر مىللىتىدىن، بۇ يىل 61 ياشتا، 1982-يىلى جۇڭگو يېڭىدىن ئىسلاھات-ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۈرۈمچىدىن ئالاقىدار ئورۇنلار ماڭا ئوخشاش ئون نەچچە سودىگەرنى تاللاپ بېيجىڭغا بېرىپ دېھقانھىلىق مەھسۇلاتلىرى سودىسى قىلىشقا ئەۋەتتى. مەن خوتۇن بالىلىرىمنى ئەكىلىۋالدىم. كېيىنچە بىرئاز پۇل يىغقاندا بىر ئوغلۇم مېڭە پارالىچى بولۇپ قېلىپ ھەممە پۇلنى ئوغلۇمنى داۋالاشقا سەرپ قىلىپ تۈگەتتىم. شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭغا قايتالماي بۇ يەردە داۋاملىق كاۋاپچىلىق قىلپ 30 يىل ئۆتۈپ كەتتى. مېنىڭ بىردىن بىر ئارزۇيۇم ئوغلۇمنىڭ تېزراق ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 

20. مېنىڭ ئىسمىم تىلىۋالدى سىدىق. مەن شىنجاڭدىن كەلدىم، ئۇيغۇر مىللىتىدىن، بۇ يىل 30 ياشتا. 2004-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنى پۈتتۈگەندىن كېيىن شىنجاڭ ئاقتۇ ناھىيسى پىلال يېزىسىنىڭ بىرىنچى ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئەدەبىيات دەرىسى بەردىم. 2012-يىلى ئاسپىرانتلىققا ئۆتۈپ، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتېتىدا ئازسانلىق مىللەت تىلى ئەدەبىياتىنىڭ ئۇيغۇرتىلى نىشانىدا ئاسپرانىتلىقىنى ئوقۇۋاتىمەن. ئوغلۇمنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەربىيەگە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن ئۇنى يېنىمغا ئەكېلىپ يەسلىگە بەردىم.

 

21. مېنىڭ ئىسمىم ياقۇپجان ئابدۇسەمەت. مەن شىنجاڭدىن كەلدىم، ئۇيغۇر مىللىتىدىن، بۇ يىل 27 ياشتا. ھازىر شېنجېندا قاشتېشى سودىسى قىلىمەن، ئايالىم ۋە ئوغلۇممۇ شېنجېندا. مەن ئۇنۋېرسىتېتنى ئېنگېلىز تىلىدا ئوقۇغان بولۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندە بىر ساياھەت يېتەكچىسى بولۇش ئارزۇيۇم بار ئېدى، ئەمما ئاتامنىڭ ئۈچۈن بۇنىڭدىن ۋاز كېچىپ ئۇنىڭ بىلەن سودا قىلىشقا باشلىدىم. بۇ يىلقى ئارزۇيۇم بولسا بىزنىڭ دۇككاننى قاشتېشى مەدەنىيەت دۇككىنى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش.

 

22. مېنىڭ ئىسمىم شايىدىن مەمەت. مەن شىنجاڭدىن كەلدىم، ئۇيغۇر مىللىتىدىن، بۇ يىل 42 ياشتا. مەن بېيجىڭ لىبېيا قۇرۇلۇش ئېنژېنېرلىق شىركىتىدە ئىسلام مەدەنىيەت قۇرۇلۇش تارمىقىنىڭ مەدەنىيەت تەتقىقات مۇدىرى. بېيجىڭغا كەلگىلى ئالتە يىل بولدى.

 

23. مېنىڭ ئىسمىم ئەينا. مەن شىنجاڭدىن كەلدىم، موڭغۇل مىللىتىدىن، بۇ يىل 33 ياشتا، ھازىر بېيجىڭدا بىر تەربىيلەش شىركىتىدە ئىشلەيمەن، بېيجىڭغا كەلگىلى 11 يىل بولدى، خىزمىتىم جاپالىق بولسىمۇ مەن يەنىلا تىرشىپ ئىشلەيمەن. مېنىڭ ئارزۇيۇم، تۇرمۇش ئىشىمنى ياخشىلاپ، يۇرتداشلىرىم بىلەن موڭغۇل تىلى تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىش.

 

24. مېنىڭ ئىسمىم ئەكبەرجان. مەن شىنجاڭدىن كەلدىم، ئۇيغۇر مىللىتىدىن، ھازىر بېيجىڭدا فىلىم سۈرەتكە ئالىمەن. مېنىڭ ئارزۇيۇم بىر ئۇيغۇرچە كىنو ئىشلەش ۋە نۇرغۇنلىغان خەلققە بۇ زامان ۋە بۇ مىللەتنى تونۇشتۇرۇش.

 

25. مېنىڭ ئىسمىم مەمەت تۇرسۇن. مەن شىنجاڭدىن كەلدىم، ئۇيغۇر مىللىتىدىن، بۇ يىل 37 ياشتا، 2002-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىين بىر نەچچە دوسىتلىرىم بىلەن بىرلىشىپ بېيجىڭ تاڭنا يەسلىسىنى قۇردۇم. مەن بېيجىڭدا ئانار رېستۇرانىغا مەبلەغ سالدىم. بۇ يىلقى نىشانىم مېدىتسىنا ئەسۋاپلىرىغا مەبلەغ سېلىش.

 

26. مېنىڭ ئىسمىم بوستانىيە. مەن شىنجاڭدىن كەلدىم، ئۇيغۇر مىللىتىدىن، بۇ يىل 30 ياشتا. ھازىر ئالىي بابا گۇروھىنىڭ تاۋباۋ تارمىقىدا ماركا بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل دېرىكتورى بولۇپ ئىشلەۋاتىمەن. مەن ئۆزەم خاڭجۇدا خىزمەت قىلىمەن.

 

27. مېنىڭ ئىسمىم توڭشەن. مەن شىنجاڭدىن كەلدىم، شىبە مىللىتىدىن، بۇ يىل 42 ياشتا، ھازىر بېيجىڭدا رۇس تىلى تاشقى سودا سېتىقىدا ئىشلەيمەن. بېيجىڭغا كەلگىلى 15 يىل بولدى ۋە ئۆزۈمنىڭ بەخىتلىك ئائىلەم بار بولدى.

 

28. مېنىڭ ئىسمىم قۇربانجان ئابدۇسەمەت. مەن شىنجاڭدىن كەلدىم، ئۇيغۇر مىللىتىدىن، بۇ يىل 32 ياشتا، بېيجىڭغا كەلگىلى سەككىز يىل بولدى، ھازىر مەركىزىي تېلۋىزىيە ئىستانسىدا قانال سۈرەتكە ئالىمەن، ھەم ئىختىيارى مۇخبىرلىق قىلىمەن. مېنىڭ ئارزۇيۇم بولسا «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» دېگەن بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنى ئوڭۇشلۇق تاماملاش، چەتئەلگە چىقىش ئارزۇسى بارلارغا ئەڭ ياخشى روھىي ۋە مەنىۋىي ياردەمچى بولۇش.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق