باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
بىر ئەر كىشىگە ئوق تېگىپ 21 يىلدىن كېيىن مۇشۇ ئوق تېگىش سەۋەبلىك ئۆلۈپ كەتكەن
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:نىجات | يوللانغان ۋاقىت:2014-04-24 18:11:24

      چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى بىر ئەرگە 21 يىل بۇرۇن ئوق تەگكەن بولۇپ، بىر قانچە كۈن بۇرۇن ئوق تېگىشتىن كېلىپ چىققان ئەگەشمە كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن. سوت مەھكىمىسى بۇ ئەرنىڭ ئۆلۈمىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان دەپ ھۆكۈم قىلدى، ئەينى يىلى قەستلەپ ئۆلتۈرمەكچى بولغان ئادەم 21 يىلدىن كېيىن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىشى مۇمكىن.

     خەۋەر قىلىنىشىچە، ئامېرىكىنىڭ پېنسىلۋانىيە شىتاتى نىيۇيورك شەھىرىدە تۇرىدىغان 36 ياشلىق ئەر سانچېسنىڭ ئومۇرتقىسىغا 1992-يىل 6-ئاينىڭ 9-كۈنى ئوق تېگىپ پۈتۈن بەدىنى پالەچ بولۇپ قالغان، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ تېخى 14 ياشتا ئىدى. بۇ يىل 2-ئايدا، سانچېس ئۆلۈپ كەتتى. شۇ جايدىكى جەسەت تەكشۈرۈش ئەمەلدارى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىپ، سانچېسنى ئەينى ۋاقىتتا تەگكەن ئوق كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەگەشمە كېسەللىك سەۋەبىدىن، "قەستلەپ ئۆلتۈرۈش" سەۋەبىدىن ئۆلگەن دەپ ھۆكۈم قىلدى. 

خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆججىتىگە ئاساسلانغاندا، ئەينى ۋاقىتتا سانچېسقا ئوق چىقارغان ئادەم ھازىر 43 ياشقا كىرىپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما سانچېسنىڭ ئۆلۈمى سەۋەبلىك قەستە ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىشى مۇمكىن.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق