باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
ھامىلدار ئاياللار چىشى ئاغرىغاندا...
مەنبەسى:شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2014-04-28 17:05:53

ھامىلدار ئاياللار چىشى ئاغرىغاندا، تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قوللانسا بولىدۇ:

سامساق. سامساقنىڭ مىكروب ئۆلتۈرۈپ، ياللۇغ قايتۇرۇش رولى بار. چىش كېسەللىكلىرى كۆپىنچە ياللۇغلىنىشتىن كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭلاشقا ھامىلدار ئاياللار چىشى ئاغرىغاندا سامساق يەپ بەرسە بولىدۇ. سامساقنى سىرتتىن سۈرۈشمۇ چىش ئاغرىقىغا شىپا قىلىدۇ.

زەنجىۋىل. قانداق سەۋەبتىن ئاغرىغان چىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھامىلدار ئاياللار چىش ئاغرىغاندا زەنجىۋىل چىشلىسە تېز ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيدۇ. زەنجىۋىلنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى بەكلا ئاددى، پەقەت زەنجىۋىلنى ياپىلاقلاپ، ئاغرىۋاتقان يەرگە بېسىپ، يېرىم سائەت تۇرغۇزسىلا، ئاغرىق پەسىيىدۇ.

قولنى ئۇۋۇلاش. ھامىلدار ئاياللارنىڭ چىشى ئاغرىغاندا، قولىنى ئۇۋۇلاش ئارقىلىق %50 ئاغرىقىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ. باش بارماق بىلەن بىگىز بارماقنىڭ ئارىلىقىنى ئۇۋۇلىغاندىن كېيىن بىر پارچە مۇزنى شۇ يەرگە يېنىك بېسىپ 5-7 مىنۇت ئەتراپىدا تۇرغۇزغاندا، چىش ئاغرىقى پەسىيىدۇ.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق