باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
خوتۇنىڭىزدىكى بېشارەتلەرنى بايقاشقا ماھىر بولۇڭ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:نىجات ۋەلى ياقۇپ | يوللانغان ۋاقىت:2014-05-21 19:36:19



خوتۇنىڭىزنىڭ سىز بىلەن ئۇرۇشمايدىغان بولۇپ قېلىشى سىزنى ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
خوتۇنىڭىزنىڭ بۇرۇنقىدەك ۋاتىلدىمايدىغان بولۇپ قېلىشى كۆڭلىنىڭ سوۋۇغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
خوتۇنىڭىزنىڭ سىزگە ئەركىلىمەيدىغان بولۇپ قېلىشى سىزگە قىزغىنلىقىنىڭ قالمىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
خوتۇنىڭىزنىڭ كېچىدە دېرىكىڭىزنى قىلماسلىقى سىزدىن ئۈمۈدسىزلەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
خوتۇنىڭىزنىڭ ھەرىكىتى ۋە قارىشى توغرىسىدا سىزگە چۈشەنچە بېرىشىنى خالىمايدىغان بولۇپ قېلىشى سىزدىن زېرىككەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
خوتۇنىڭىزنىڭ سىزگە تۇرمۇش ۋە خىزمەت توغرىسىدا پاراڭ قىلىشنى خالىمايدىغان بولۇپ قېلىشى سىزدىن يىراقلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
خوتۇنىڭىزنىڭ خۇشاللىق ۋە قايغۇسىنى سىز بىلەن ئورتاقلاشمايدىغان بولۇپ قېلىشى سىزگە پەرۋاسىز، ئىشەنمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
خوتۇنىڭىزنىڭ ھەرقانداق ئىشنى مۇستەقىل قىلىدىغان ۋە قارارنى ئۆز ئالدىغا چىقىرىدىغان بولۇپ قېلىشى سىزنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئانچە مۇھىم ئەمەسلىكىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ.
خوتۇنىڭىزنىڭ جىمغۇر بولۇپ كېتىشى سىزدىن ئايرىلىش ئالدىدا ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق