باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
تېلىۋىزىيە پروگراممىسىدا قىزلار ساختا خاررىي شاھزادىنى قاتتىق سۆكتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مەھلىيا ئىبراھىم | يوللانغان ۋاقىت:2014-05-22 13:53:20

 

خىيۇستون تېلگىراممىسى چەتئەل مىدىئالىرى 21-ماي ئەنگىلىيەنىڭ خاررى شاھزادىسىنى كۈيئوغۇل قىلىش نامىدىكى ئامېرىكىنىڭ بىر قىز-يىگىتلەر كۆرۈشۈش پىروگراممىسى ئېغىر تەنقىدى زەربىگە ئۇچىرىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.
ئامېرىكىنىڭ فۇكۇس تىلۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ « مەن خاررىغا ياتلىق بولىمەن» ناملىق پىروگىراممىسىدا، بۇ يىل 24 ياشقا كىرگەن، سىرتقى قىياپىتى خاررى شاھزادىگە ئوخشايدىغان ھىكىس بۇ يىل 29 ياشلىق خاررى شاھزادىنى دوراپ، پروگراممىدىكى قىزلارنى ئىشەندۈرمەكچى بولغان.

پروگرامما شۇ يەرۋاقتى 20-ماي قويۇلغاندىن كېيىن، دەرھال« نومۇسنى بىلمەيدىغان»...قاتارلىق ئېغىر ئەيىبلەشلەرگە ئۇچىرىدى.
ئەنگىلىيەنىڭ خېرتفوردتا تۇرىدىغان، مۇھىت قۇرلۇش مەسلىھەتچىلىك خىزمىتى قىلىدىغان ھىكىس ئۇ ئەزەلدىن پروگراممىنىڭ لاھىيەلىنىشىنىڭ يامان غەرەزلىك ئىكەنلىكى ياكى قىزلارنى ئالداش مەقسىتىنىڭ بار دەپ قارىمىغانلىقىنى ئېيتقان.

جەنۇبىي ئامپىتون ئۇنۋېرسىتىتىنى پۈتتۈرگەن« خاررى شاھزادە» ھېكىس پروگراممىدا 12 نەپەر قىز بىلەن كۆرۈشۈپ،ئۇلار ئەنگىلىيە پادىشاھلىق ئورنىنىڭ تۆتىنچى ئورۇندىكى ۋارىسى بىلەن ئۇچىراشتۇرماقچى بولغان.
ھىكىس بۇ قىزلار پروگراممىغا ئۆزى خالاپ قاتناشقان ھەمدە بۇ قىزلار ئاجىز ئەمەس ياكى ئىرادىسى كۈچلۈك ئەمەس، بەلكىم روھىي جەھەتتىن زەربىگە ئۇچىرىغان ئاشۇ خىلدىكى قىزلار دىگەن، ئاخىرىدا« خاررى شاھزادە» يولسىزلىق قىلىق ئويۇن ھېس قىلغان.

ئەمما بىر قىسىم باھالىغۇچىلار بۇنداق ئويلىمىغان،«دەۋر ئېلىكترون ھەپتىلىك ژۇرنىلى»نىڭ ئوبزورىدا: قىياپەت بۇ پروگراممىدىكى نومۇسسىزلىق دىگەن.«نىيويورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ ئوبزورىدا: بۇ ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئەنگىلىيەلىكلەرنىڭ بارلىق بىرتەرەپلىمە كۆز قارشىغا لايىقلاشتى دىگەن. يەنە بىر قىسىم توردىكى ئوبزورلاردا: بۇ قىز-يىگىت كۆرۈشۈش پروگراممىسىنىڭ قىلچىمۇ ئەھمىيىتى يوق دىگەن.

خاررى شاھزادىگە ۋاكالەتچىلىك قىلىدىغان كېنسىڭتون سارىيى ئەدەب بىلەن ھەرقانداق ئوبزورنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئامېرىكا فۇكۇس تىلۋىزىيەسىمۇ بۇ ئوبزورلارغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرمىغان. پروگرامما ئىشلىگۈچى چىراي قىياپىتى داڭلىق كىشلەر بىلەن ئوخشيدىغانلارنى تونۇشتۇرىدىغان توردا ھىكىسنىڭ سۈرىتىنى كۆرۈپ، ھىكىسنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، يەنە ھىكىسنىڭ ئەنگىلىيە خان ئوردىسىنىڭ تارىخى تەرەپلەردىكى بىلىملەرنى كۈچەيتكەن.

ھىكىس يەنە چېچىنى خاررى شاھزادىنىڭكى بىلەن ئوخشاش بوياتماقچى بولغان، سۈرەتكە ئالغان ۋاقىتتا ئەنگىلىيەنىڭ يېزىسىدىكى سىرتىدا قاراۋۇللار تۇرىدىغان بىر داڭلىق تۇرالغۇنى تاللىغان.
ھىكىس ئۇنۋېرسىتىتا گىئولوگىيە ئىلىمى بىلەن دېڭىز ئوكيان ئىلىمىنى ئاساسلىق ئۆگەنگەن، ئۇ يەنە خېرتفوردتىكى شۇ يەرلىك پالاق توپ كوماندىسىنىڭ ئەزاسى. سۈرەتكە ئالغان بەش ھەپتە ئىچىدە، ھىكىس كۆرۈشكەن ئوبىيىكىتلار بىر نەپەر يەسلى ئوقۇتقۇچىسى، بىر نەپەر فىزىكىلىق داۋالاش دوكتۇرى.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق