باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
تۈركىيە فىلىمى ئالتۇن پالما مۇكاپاتىغا ئېرىشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مەھلىيا ئىبراھىم | يوللانغان ۋاقىت:2014-05-26 18:31:21

 

 

 

ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ 25-ماي خەۋەر قىلىشىچە، 67-نۆۋەتلىك كاننېس خەلقئارا كىنو بايرىمى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى فرانسىيە ۋاقتى 24-ماي كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، تۈركىيە فىلىمى «قىشلىق ئۇيقۇ» ئالتۇن پالما مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

خەۋەر قىلىنىشىچە، تۈركىيەلىك رېژىسسور نۇرى بىلگە چەيلان «قىشلىق ئۇيقۇ» ناملىق فىلىم بىلەن سالمىقى ئەڭ ئېغىر بولغان «ئەڭ مۇنەۋۋەر فىلىم» ئالتۇن پالما مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇنىڭدىن سىرت، ئىتالىيە فىلىمى «مۆجىزە» نىڭ رېژىسسورى ئەلىسە باھالىغۇچىلار گۇرۇپپىسىنىڭ كاتتا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇ يەنە ئالتۇن پالما مۇكاپاتىدىن سىرت، كاننېس كىنو بايرىمىدىكى ئەڭ ئالىي مۇكاپات تۈرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. رېژىسسور بېننېت مىللېر «تۈلكە ئوۋلىغۇچى» ناملىق فىلىم بىلەن ئەڭ مۇنەۋۋەر رېژىسسور مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق