باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
لى دەيمونىڭ باشقىلارغا زەھەر چەككۈزۈش دېلوسىغا سوت ئېچىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مەھلىيا ئىبراھىم | يوللانغان ۋاقىت:2014-05-27 13:35:58

 

لى دەيمو خېيلوڭجىياڭ چىچىخار شەھىرىدىن،1988-يىلى تۇغۇلغان، شېنياڭ مۇزىكا ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن.« جۇڭگو ئەڭ ياخشى ئاۋاز» پروگراممىسىدىكى ماھىر، «ناخشا سادارىم ئىچىدە» ناملىق ناخشىسى بىلەن نام قازانغان. 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى لى دەيمو بېيجىڭدا تاماشا ساھەسىدە توختامغا ئېرىشكەن.

لى دەيمو 2012-يىلى جېجىياڭ تىلۋىزىيەسىنىڭ« جۇڭگو ئەڭ ياخشى ئاۋاز» بىرىنچى نۆۋەتلىك پروگراممىسىغا قاتناشقان ۋە «ناخشا سادارىم ئىچىدە» ناملىق ناخشىسى بىلەن زور تەسىر قوزغاپ، ئالتە تۈرلۈك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ كۆپچىلىككە تونۇلۇپ نامى چىققان.

2014-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ب ېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئورگان تەرەپنىڭ « تىنىچ بېيجىڭ» مىكروبىلوگىدا ناخشىچى لى دەيمونىڭ زەھەر چەككەنلىكتىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى، سۈيدۈك تەكشۈرۈشتە مۇسبەت چىققانلىقىنى، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى ئۆزى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

2014-يىلى4-ئاينىڭ 16-كۈنى لى دەيمو باشقىلارنى ئېلىپ قېلىپ زەھەر چەككۈزگەنلىك جىنايىتى سەۋەبىدىن، بېيجىڭ شەھىرى چاۋياڭ رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى لى دەيمونى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان.

2014-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭ شەھىرى چاۋياڭ رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى لى دەيمونىڭ باشقىلارنى ئېلىپ قېلىپ زەھەر چەككۈزۈش جىنايىتىنى ئەيىبلەپ سوتقا ئەرز سۇنغان، چاۋياڭ رايونلۇق سوت مەھكىمىسى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى بۇ دىلوغا رەسمىي قاراپ چىقىشنى بېكىتكەن.

لى دەيمونىڭ باشقىلارغا زەھەر چەككۈزۈش دىلوسىغا بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ ۋاقتى 9:00 دا بېيجىڭ شەھىرى چاۋياڭ رايونلۇق سوت مەھكىمىسىدە سوت ئېچىلدى. 8:30 دا، بېيجىڭ شەھىرى چاۋياڭ رايونلۇق سوت مەھكىمىسى ئورگان تەرەپ مىكروبىلوگىدا جاۋابكار لى دەيمونىڭ سوتقا يالاپ ئېلىپ مېڭىلغانلىق ئۇچۇرى ھەمدە نەق مەيدان سۈرەتلىرىنى ئېلان قىلدى.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق