باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
پورسچى Panamera Turbo ئاپتوموبىلىنىڭ سۈرىتى ئېلان قىلىندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مەھلىيا ئىبراھىم | يوللانغان ۋاقىت:2014-05-28 15:06:17

 

 

يېقىندا پورسچى Panamera Turboزاكاس نۇسخىدىكى ئاپتوموبىل پاسونىنىڭ بىر گۇرۇپپا سۈرىتىنى ئېلان قىلدى، بۇ يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى بولسا Jet Black Metallicدەپ ئاتىلىدىغان قارا رەڭلىك مېتال سىرى بېزىكى ئىشلىتىلگەنلىكىدە ۋە ئەڭ يېڭىچە رەڭ سەپلىمىلىك ئىچكى بېزىلىش لايىھىسىدۇر.

تاشقى كۆرۈنۈشى جەھەتتە، پورسچى PanameraTurbo Sزاكاس نۇسخىسىدىكى ئاپتوموبىل پاسونىغا “Jet Black Metallic”دەپ ئاتىلىدىغان قارا رەڭلىك مېتال سىرى بېزىكى ئىشلىتىلگەنكەن ھەمدە دېنامېتىك يورۇتۇش سېستىسىغا ئىگە قارا رەڭلىق LEDچىرىقى سەپلەنگەن. قۇيرۇق قىسمىغا يەنە قارا رەڭلىك LEDچىرىقى ۋە قارا رەڭلىك گاز بىر تەرەپ قىلىش تۇرۇببىسى سەپلەنگەن. بۇندىن باشقا بۇ ئاپتوموبىلغا 20 ديۇملۇق قارا رەڭلىك ئاليۇمېن قېتىشمىلىق بۇل سەپلەنگەن.

ئىچكى بېزىلىشى جەھەتتە، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئىچكى بېزىلىشىغا كۆپ مىقتاردا قارا ۋە قىزىل رەڭ بىرلەشتۈرۈلۈپ ئىشلىتىلگەن بولۇپ، كۆپ قىسىم جايلىرى خۇرۇم بىلەن ئورالغان، پرىبور تاختىسىغا بولسا ئاق رەڭلىك سائەتكە قىزىل رەڭلىك سائەت ئىستىرىلكىسى ماسلاشتۇرۇلغانكەن. رول ، خوت دەستىسى ئەتراپى ۋە مەركىزى كونترول سۇپىسىنىڭ ئىككى تەرىپى قاتارلىق جايلارغا كۆپ مىقداردا كاربون تالالىق ماتىرىياللار ئىشلىتىلگەن ، قول تۇتقۇچى رايونى بىلەن دەسسىگۈچ  قاتارلىق قىسىملىرىغا يەنە ئاليۇمېن ماتىرىياللار قوشۇلغان بولۇپ، ئاپتوموبىلنىڭ دەرىجىسىنى كۆرسىتىپ تۇرىدىكەن.

ھەركەتلەندۈرۈش كۈچى جەھەتتە، بۇ ئاپتوموبىلغا داۋاملىق تۈردە بىر دانە 4.8 لتېرلىق V8قوش پىرقىرىغۇچ ئارقىلىق بېسىم ئاشۇرىلىدىغان ماتور سەپلەنگەنكەن، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ چىقىرىش قۇۋىتى 570 ئات كۈچى، ماكسىموم تولغۇنۇش مومېنتى 700 ن.م كەن؛ كۈچ ئۇزىتىشتا بۇ ماتورغا ماسلاشتۇرۇلغىنى بىر دانە يەتتە خىل سۈرئەتلىك PDKقوش ئايرىغۇچلۇق خوت كۇرۇپكىسىكەن.\

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق