باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
دوختۇرخانا راك بىمارىغا 19 قېتىم دىئاگنوز قويۇپ كېسىلىنى تاپالمىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار | يوللانغان ۋاقىت:2014-07-10 16:17:46

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيەنىڭ دېۋون ۋىلايىتىدىكى جۇلىيە روگېرس ئىسىملىك 58 ياشلىق ئايال ئاشقازان ئاستى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇپ قالغانىكەن، ئەمما ئۇ ھۆكۈمەت دوختۇرخانىسىدا 19 قېتىم كېسەل كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما دوختۇرخانا ئۇنىڭ كېسىلىنى تەكشۈرۈپ تاپالمىغان، ئاخىرى ئۇ 600 فوندستېرلىڭ خەجلەپ بىر شەخسىي دوختۇرخانىدا ئۆزىنى تەكشۈرتكەندىن كېيىن، ئاندىن ئۆزىنىڭ ئاشقازان ئاستى بېزىدە ئۆسمە ئۆسۈپ قالغانلىقى، ھەمدە ئوپېراتسىيە قىلىشقا بولمايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.2013- يىلى 9- ئايدا، جۇلىيە روگېرسنىڭ دۈمبە قىسمى ئاغرىپ چىدىيالماي قالغاچقا، دوختۇرخانىغا بېرىپ كېسەل كۆرسەتكەن، كېيىن دوختۇر ئۇنى مەھەللە دوختۇرخانىسىغا بېرىپ ئۇلترا ئاۋاز ۋە قان تەكشۈرۈشكە قاتنىشىشنى ئېيتقان، ئەمما ئەينى چاغدا ئاشقازان ئاستى بېزى ئۈچەيدىن چىققان گاز تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغاچقا تەكشۈرۈشتە باشقىچە ئەھۋال كۆرۈلمىگەن، دوختۇرخانا تەرەپ ئۇنىڭدىن قايتا تەكشۈرتۈشنىمۇ تەلەپ قىلمىغان. شۇنىڭدىن كېيىنكى توققۇز ئايدا، جۇلىيە روگېرسنىڭ كېسىلى ساقايماي، دوختۇرخانىغا بېرىپ 17 قېتىم داۋالانغان، ئىككى قېتىم جىددىي داۋالانغان، ئەمما دوختۇر پەقەت ئۇنىڭغا ئاغرىق توختىتىش دورىسى يېزىپ بېرىپلا ئۆيىگە كېتىشنى تاپىلىغان.جۇلىيە روگېرس زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: مەن بەدىنىمدە چاتاق بارلىقىنى بىلەتتىم، ئەمما كېسىلىمنى كۆرۈپ قويىدىغان بىر ئەستايىدىل دوختۇر تاپالمىدىم.كېيىن، ئەنگلىيە خەلق ساغلاملىق مۇلازىمەت ئورگىنى بايانات ئېلان قىلىپ، جۇلىيە روگېرسنىڭ قىسمىتىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقى ھەمدە بۇ ئىشنى مەخسۇس تەكشۈرۈدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق