باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
بوۋىقىنىڭ يىغىسىدىن بىزار بولغان ئەر ئۇنى سىلكىپ ئۆلتۈرۈپ قويدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار | يوللانغان ۋاقىت:2014-07-10 16:19:48

ئەنگلىيەنىڭ شەرقىي ساكسېس دېگەن يېرىدىكى 28 ياشلىق مارك ساندراند ئىسىملىك ئەر ئۆيىدە ئېلېكترونلۇق ئويۇن ئويناۋاتقاندا، ئۇنىڭ قىزى توختىماي يىغلاپ ئۇنى بىئارام قىلغاچقا، ئۇ ئويۇندا ئۇتتۇرۇۋەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەمدىلا بەش ھەپتە بولغان قىز بوۋاقنى سىلكىپ ئۆلتۈرۈپ قويغان.سوت مەھكىمىسىنىڭ شىكايەتچىسى ساللېي خائۇسنىڭ ئېيتىشىچە، مارك ساندراند ئەينى چاغدا ئۆزىنىڭ تۇتقاقلىق كېسىلى تۇتۇپ، ئىختىيارسىز ھالدا قىزىنىڭ بەدىنىنى بېسىپ قويغانلىقىنى ئېيتقان. مارك ساندراند قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ قىزىنى ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقىنى ئىنكار قىلغان، ھەمدە سوراق قىلغاندا ھەر قانداق سوئالغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان. ئەمما، جەسەت تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشچە، ئۇنىڭ قىزى ئەيمىلوس ئۆلۈشتىن ئىلگىرى ئىككى قېتىم قاتتىق زەخمىلەنگەن، بىر قېتىملىق زەخمە ئۇ ئۆلۈشتىن ئۈچ ھەپتە ئىلگىرى يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ كۆكرەك سۆڭىكى زەخمىلەنگەن، يەنە بىر قېتىملىق زەخمىلىنىشتە ئۇنىڭ ئۆپكىسى يېرىلىپ يارىلانغان ھەمدە ئوقۇرەك سۆڭىكى سۇنغان. ناھايىتى روشەنكى بۇ زەخمىلەر قاتتىق سىلكىنىشتىن پەيدا بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا، نېرۋاشۇناسلار نەق مەيداندا تۇتقاقلىق كېسىلى تۇتقان چاغدا كۆرۈلىدىغان ھەر قانداق ئىزنى بايقىمىغان.

ساللېي خائۇسنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مارك ساندراند 2006- يىلى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشقا ئۇرۇنغان، ھەمدە ئىككى يىلدىن كېيىن گۇيلىئان باررې يىغىندا كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ھەر ھەپتىدە 2-3 قېتىم كېسىلى تۇتىدىغان بولۇپ قالغان. ئەمما ئەيمىلوسنىڭ پاجىئەسى يۈز بەرگەن چاغدا، ئۇنىڭ كېسىلى تۇتمىغانىكەن.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق