باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
ئەنگىلىيىلىك ئاتا-ئانىلار باشلانغۇچ مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ ئاران %10 ئادەم ئۆتەلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار | يوللانغان ۋاقىت:2014-07-15 10:27:46

يېقىندا ئەنگىلىيىدىكى نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئىمتىھانىغا سىناپ قاتنىشىپ باققان بولۇپ، لېكىن مەكتەپ چىقارغان ئىمتىھان سوئالى ھەقىقەتەن تەس بولۇپ كەتكەنمۇ، ياكى ئاتا-ئانىلارنىڭ سەۋىيىسى ھەقىقەتەن چەكلىكمۇ ئەيتاۋۇر، بۇ قېتىملىق باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئاتا-ئانىلار ئىچىدە پەقەت %12 ئاتا-ئانىلا لاياقەتلىك بولغان. ئىگەللىنىلىشىچە، بۇ قېتىم ئەنگىلىيىدىكى ئوخشاش بولمىغان ئائىلە ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئىگە 500 دىن ئارتۇق ئاتا-ئانا بالىلارنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ پۈتتۈرۈش ئىمتىھانىغا قاتناشقان بولۇپ، لېكىن بۇلارنىڭ ئىچىدە پەقەت %12 ئاتا-ئانىلا 80 نومۇر بىلەن لاياقەتلىك بولغان. قالغان %24 ئاتا-ئانا بولسا 75 نومۇر ئالغان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلار ھەتتا 75 نومۇرغىمۇ ئېرىشەلمىگەن. ئەنگىلىيىدىكى مائارىپ مۇتەخەسسىسى ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئەنگىلىيىدىكى بىر قىسىم رىقابەت ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچىلار 100 نومۇر ئالغاندىلا ئاندىن ئىلتىماس قىلىپ كىرەلەيدىكەن. بۇ قېتىم ئىمتىھانغا قاتناشقان ئاتا-ئانىلار ئىمتىھانغا قاتناشقاندىن كېيىنلا ئاندىن پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشىنىڭ نەقەدەر قىيىنلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلىشقان.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق