باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
يازلىق ساياھەتتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار | يوللانغان ۋاقىت:2014-07-18 10:16:15

 

يازلىق تەتىل ساياھىتىدە تۆۋەندىكى ئالتە چوڭ ئىشقا دىققەت قىلىشى كېرەك:

1. ئىناۋىتى ياخشى، مۇئەييەن كۆلەمگە ئىگە بولغان ھەم «كارخانا قانۇنىي ئىگىسىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى» ۋە «ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ كەسىپ تىجارىتى ئىجازەتنامىسى»نى ھازىرلىغان ساياھەت كوپىراتىپىنى تاللاش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىشىك ئالدىغىچە مۇلازىمەت قىلىمىز، دېگەن سۆزلەرگە ئاسانلا ئىشەنمەسلىك، زۆرۈر تېپىلغاندا، قارشى تەرەپنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەت ۋە سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كېرەك.

2. ساياھەت توختامى ئىمزالاش بىلەن بىللە، توختام ماددىلىرىنى تەپسىلىي كۆرۈپ، توختام ئىمزالىغان ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇقى، مەجبۇرىيىتى ۋە خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنىڭ ئېنىق بولغان-بولمىغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈش، ئېنىق بولمىغان ماددىلار بولسا، چوقۇم قوشۇمچە بەلگىلىمىگە ئېنىق ئىزاھات بېرىش، ساياھەت كوپىراتىپى خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاغزاكى ۋەدىسىگە ئاسانلا ئىشىنىپ قالماسلىق، باھا ئامىلىنىلا كۆزدە تۇتۇپ «باھا قىلتىقى» غا چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

3. ئىستېمالچىلار چوقۇم «تاسادىپىي ھادىسە سۇغۇرتىسى توختامى» ئىمزالاشنى تەلەپ قىلىپ، خېيىم-خەتەر مەسئۇلىيىتى بولماسلىقتىن ساقلىنىش كېرەك.

4. مېھمانخانا ۋە مېھمانسارايلاردا تۇرغاندا، قىممەتلىك بۇيۇملارنى ئوبدان ساقلاش، ئارام ئېلىشتىن ئىلگىرى ئىشىك-دېرىزىلەرنى تەكشۈرۈش كېرەك.

5. سەيلىگاھلاردا نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىشتا ئالدىراڭغۇلۇق قىلماسلىق، ساتقۇچىدىن تالون ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك.

6. مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچرىغاندا، «12315» كە تېلېفون بېرىپ ئەرز قىلىش كېرەك.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق