باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
ئورۇقلاشقا قەتئىي بەل باغلىغان ئايال
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:نۇزىگۈل ئىمىر | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-15 14:55:04

ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيەلىك 54 ياشلىق ئايال (India Buchan) بۇندىن بۇرۇن ئىزچىل بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئارتىشى ۋە يېمەكلىك تېجىشىنىڭ مەغلۇپ بولىشى سەۋەبىدىن تەڭلىكتە قالغان ئىدى. تۆت يىل بۇرۇن، ئۇ 102 كىلوگىرام ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ قەتئىي نىيەتكە كېلىپ باشتىن ئاياققىچە ئۆزىنىڭ تاشقى قىياپىتىنى ئۆزگەرتمەكچى بولدى. كۆپ ئوپېراتسىيە ئارقىلىق، ئۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ يىنىكلىگەنلىكى، سىرتقى قىياپىتىنىڭمۇ 20 ياش ياشىرىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلغان. ئۇ ئۆزىنىڭ يېڭىچە بولغان قىياپىتىدىن ناھايىتى پەخىرلىنىپ سۈرىتىنى ئۆيگە تىزىپ قويغان. Buchan بىر بازارنىڭ سېتىش دېرىكتورى بولۇپ، ئۇ ھۆسن تۈزەشكە 360 مىڭ يۈەن خەجلىگەن. ئۇنىڭ ھۆسن تۈزەتكەن تۈرلىرى تاياقچە باكتېرىيەسى ئۇرۇش، يۈز تۈزەش، ماينى سىقىپ چىقىرىش ئوپېراتسىيەسى، ئاشقازاننى كونتىرول قىلىش خالتىسى قاتارلىقلار. Buchanنىڭ دېيىشچە، بۇ ئوپېراتسىيە ئۇنى تارىخي جاراھەتتىن قۇتقۇزۇپ قالغان، ھەمدە ئىلگىرىكىدىن بەخىتلىكرەك ئايالغا ئايلاندۇرغان. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «بەزىلەر يەنە مېنى ھۆسن تۈزىتىشتە ئاشۇرىۋېتىپسەن دېيىشتى، بىراق مەن ھازىر ئۆزۈمنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ياخشى كۆرىمەن، ھەمدە بۇنىڭدىن شۇنداق خوشالمەن، مەن ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغىنىمۇ دەل مۇشۇ».

ئىگىلىنىشىچە، Buchanئۆسمۈرلۈك ۋاقتىدا ئىلگىرى ئىشتىھاسىزلىق كېسلى ۋە ئاچكۆزلۈك بىلەن يىيىشنىڭ ئازابىغا دۇچار بولۇپ تەڭ دېمەتلىكلىرىنىڭ مازاق قىلىشىغا ئۇچرىغان. ئۇ ئىلگىرى ئىككى قېتىم توي قىلغان. ئۇنىڭ ھۆسن تۈزىتىش ئويى تېلىۋىزوردىكى زىيارەت فىلىمىدىن كەلگەن بولۇپ، ھازىرقى يولدىشى ۋە ئائىلىدىكىلىرى ئۇنىڭ بۇ ئويىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق