باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
پروبىركىدا يېتىشتۈرۈلگەن پىنگۋىن
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:نۇزىگۈل ئىمىر | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-15 14:58:35

 

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دۇنيادىكى تۇنجى «پروبىركىدا يېتىشتۈرۈلگەن پىنگۋىن» ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىدا دۇنياغا كەلگەن. ئەمدىلا دۇنياغا كەلگەن بۇ ماگېللان پىنگۋىنى توڭلىتىلغان ئىسپىرما ئارقىلىق ئۇرۇقلاندۇرۇلۇپ تۇغۇلغان، ھازىرچە تېخى ئۇنىڭغا ئىسىم قويۇلمىدى، تەتقىقاتچىلار ئۇنى «184» دەپ ئاتىدى. تەتقىقاتچىلار سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش شەكلى ئارقىلىق پىنگۋىننىڭ نەسلىنى كۆپ خىللاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلماقتا. ماگېللان پىنگۋىنى كۆپ ھاللاردا جەنۇبىي ئامېرىكىغا تارقاقلاشقان، دۇنياغا مەشھۇر دېڭىز ئېكسپىدېتسىيەچىسى ماگېللان 1519- يىلى بۇ پىنگۋىننى ئەڭ ئاۋۋال بايقىغان، كېيىن ئىلىم- پەن ساھەسىدە بۇ پىنگۋىنغا ئۇنىڭ نامى بىلەن ئىسىم بېرىلگەن.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق