باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
ئۆزىنىڭ شەخسىي ئايروپىلانى بار ئاۋىستىرالىيەلىك ئىككى ياشلىق قىز
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:نۇزىگۈل ئىمىر | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-15 15:41:36

 

غەمسىز ھالدا ھەشەمەتلىك ياشاشقا ھەممە ئادەم ئىنتىلىدۇ، بىراق ئاۋسترالىيەدە ئىككى ياشلىق بىر باي مەلىكە كېرتىس «نامراتلىق دەستىدىن پەقەتلا پۇل قېلىپ قالغان»، ئۇنىڭ شەخسىي ئايروپىلانى، داڭلىق ماركىلىق ئېسىل بۇيۇملىرى، ئالىي تاماقلىرى بار، بىراق مۇشۇ ھەشەمەتچىلىكنىڭ كەينىدە، ئۇ دائىم يالغۇز قالىدىغان بولۇپ، ئاتا ئانىسى ئۇنىڭغا ھەمراھ بولالمايدىكەن، شۇڭا بۇ قىز يەنىلا ئۆزىدە بىر نەرسە كەمدەكلا ھېس قىلىدىكەن.

كېرتىسنىڭ ئاتا ئانىسىنىڭ خىزمىتى بەكلا ئالدىراش بولغاچقا، ئۇلار شەخسەن ئۆزلىرى قىزىغا قاراپ بولالمىغان، شۇڭا ئامالنىڭ بېرىچە ھەشەمەتلىك تۇرمۇش يارىتىپ، ئۆزلىرىنىڭ قىزىغا قاراپ بولالمىغان بۇ كەمتۈكلۈكىنى تولۇقلاشقا تىرىشقان.كېرتىسنىڭ تۇرمۇشى بەكمۇ ھەشەمەتلىك بولۇپ، ئادەمنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىۋېشىنىڭ ھەممىسىلا داڭلىق ماركىلىق كىيىملەر، تاماقنىمۇ بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانسارايدا يەيدىكەن، ئىشىكتىن چىقسىلا شەخسىي مەخسۇس ئايروپىلانى ئۇنى ئاپىرىپ ئەكىلىدىكەن. كېرتىسنىڭ ئانىسى قىزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىنى خاتىرىلەپ، قىزىنىڭ تۇرمۇشىنى توردا نامايان قىلغان، شۇڭا بۇ كىچىك مەلىكىنىڭ ھەشەمەتلىك تۇرمۇشى ئاشكارىلانغان، نۇرغۇن تورداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان. بەزى تورداشلار مۇنداق دېدى، بۇ بالا سەبىي گۆدەك چېغىدىلا ھەشەمەتلىك ماددىي تۇرمۇشقا بەكلا بېرىلىپ كېتىپتۇ.كېرتىسنىڭ ئاپىسى ئىجتىمائىي ئالاقە ئۇستىسى، دادىسى مەبلەغ سالغۇچى ئىكەن، ئۇلار كۈنىگە ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن 10 سائەتتىن ئارتۇق ئىشلەيدىكەن، بەزىدە كېرتىس شىركەتكە كېلىپ ئاپىسىنى ئىزدەيدىكەن، بىراق بۇ ئانا ئۆز قىزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ئامالسىز ئىكەن، ئۇ قىزىغا ھەشەمەتلىك ماددىي تۇرمۇش ئاتا قىلىپ، ئۇنىڭغا خوشاللىق ئاتا قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق