باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
پاشنىسىنى ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ ياسالدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:نۇزىگۈل ئىمىر | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-18 16:50:43

يېقىندا فرانسىيەلىك لايىھەلىگۈچى پاشنىسىنى ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ ياساپ چىققان بولۇپ، بۇ ئاياغ زامانىمىز ئاياللىرىنىڭ تۇرمۇش شەكلىگە تېخىمۇ ماس كېلىدىكەن. نۇرغۇن ئاياللار كۈندىلىك تۇرمۇشىدا بىر مەسىلىگە دۇچ كېلىدۇ، يەنى «قانداق ئاياغ ئېلىش» مەسىلىسى، مودا ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى كۆركەم بولغان بىلەن، ئەمما كېيگەندە ئانچە راھەت ئەمەس، تۈز پاشنىلىق ئاياغ بولسا ئاياللارنىڭ گۈزەللىك ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ. شۇڭا، فرانسىيەلىك لايىھەلىگۈچى تانىيە خىت پاشنىسىنى ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كەشىپ قىلىپ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلدى. تانىيە خىت ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ لايىھەلىگەندە يەنە ھەر خىل كىرىملىك ئاياللارنىڭ ئېھتىياجى تولۇق ئويلىشىلغان، مۇقىم باھالىق ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ ھەمدە قىممەت باھالىق ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ بار.

تانىيە خىت 2009- يىلى مۇشۇنداق ئاياغ ياساشقا كىرىشكەن بولۇپ، 2011- يىلى 7- ئاتدا ئاياغنىڭ دەسلەپكى لايىھەسىنى تەييارلاپ چىققان، 2013- يىلى 9- ئايدا بارلىق خىزمەتنى تاماملىغان. تانىيە خىت يەنە ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: ئەگەر بۇنداق ئاياغنى سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئاياغ ئاستىنىڭ ئېگىزلىكىنى ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان دائىرىدە تەڭشىشىڭىز كېرەك.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق