باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
روھىي كېسەل دادىسى ۋە ئىنىسىنى زەنجىردە 20 يىل باغلاپ باققان ئەر
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:نۇزىگۈل ئىمىر | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-21 12:04:41

 

ھىندىستانلىق 35 ئەر دىنىس ئۆزىنىڭ روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان 65 ياشلىق دادىسىنى ۋە ئۆزىنىڭ 21 ياشلىق ئىنىسىنى تۆمۈر زەنجىر بىلەن يىگىرمە يىلغا يېقىن باغلاپ قويغان. دىنسنىڭ داۋالىتىشقا پۇلى بولمىغاچقا، پەقەت مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن دادىسى ۋە ئىنىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغان. دىسنىنىڭ دادىسى ۋە ئىنىسىغا 1994-يىلى روھىي كېسەل دەپ دىئاگنوز قويۇلغان، تۇرمۇشى بەكلا نامرات بولغاچقا، ئۇ داۋالاش ھەققىنى تۆلىيەلمىگەن. كېينىچە دادىسى بىلەن ئىنىسىنىڭ ھۇجۇم قىلىش خاھىشى كۈچىيىپ، ئارىلاپ ئارىلاپ كەنتتىكىلەرگە تاش ئاتىدىغان، ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ يوقاپ كېتىدىغان بولۇپ قالغان. دىنىس ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مۇشۇ چارىنى ئويلاپ تاپقان. ئۇ ئادەتتە كۈندۈزلىرى سىرتلاردا ئىشلىگەچكە، ئۇلارنىڭ ھالىدىن تولۇق خەۋەر ئالالمىغان. بىراق ئۇ دادىسى ۋە ئىنىسغا بەكمۇ ئەتراپلىق قارايدىغان بولۇپ، ھەركۈنى ئۇلارغا تاماق بېرىپ يۇيۇندۇرىدىكەن.

دىنىس ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشپ باققان، بىراق رەت قىلىشقا ئۇچرىغان. شۇڭلاشقا ئۇ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇ ئاپسى بىلەن بىللە ئېغىر كېسەل بولۇپ قالغان دادىسى ۋە ئىنسىنىڭ ھالدىن خەۋەر ئېلىپ كەلگەن. ئاخىرىدا ئۇ كەنتتىكى ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن شۇ جايدىكى بىر داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق