باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
ئەنگىلىيەدە «سۇ مەخلۇقى» پەيدا بولدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-12 16:51:13

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىغا ئاساسلانغاندا، شوتلاندىيە نىس كۆلى رېۋايەتتىكى سۇ مەخلۇقى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر ئىكەن. بىراق ئەنگىلىيەلىك بىر فوتوگراف سۇ مەخلۇقى پەقەت ئەنگىلىيەنىڭ شوتلاندىيەدىلا بار ئەمەس دەيدۇ، ئۇ ئەنگىلىيەنىڭ ۋېندىمېر كۆلىدىمۇ سۇ مەخلۇقىنىڭ رەسىمىنى تارتىۋالغان.ۋېندىمېر كۆلىدىكى سۇ مەخلۇقىنىڭ رەسىمىنى تارتىۋالغان فوتوگراف شۇ كۈنى ئۇ پۈتۈن بىر كۈن ئاپپاراتنى ئاپتوماتىك ھالەتكە تەڭشەپ قويغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ رەسىملەرنى قايتا كۆرگەن چېغىدىلا سۇ مەخلۇقىنى تارتىۋالغانلىقىنى بىلگەنلىكىنى ئېيتقان.

ۋېندىمېر كۆلى ئەنگىلىيەنىڭ شىمالىي كۆل رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، «سۇ مەخلۇقى» بىلەن داڭلىق بولغان نىس كۆلى رايونىدىن 241 كېلومېتىر يېراقلىقتا ئىكەن. خەۋەرلەردە بۇ باشقىلارنىڭ بىرىنچى قېتىم ۋېندىمېر كۆلىدە سۇ مەخلۇقى بار دىيىشى ئەمەسلىكى، 2006-يىلى، بىرەيلەننىڭ ئەنگىلىيە شىمالىي كۆل رايونىدا سۇ مەخلۇقى بايقىغانلىقىنى دوكلات قىلغانلىقىنى، شۇندىن كېيىن، سۇ مەخلۇقى ئىلگىرى كۆپ قېتىم كۆرۈلگەنلىكىنى دېيىلگەن.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق