باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
سېمىز خوتۇن ئېلىپ، زىلۋا ئاشنىغا كۆز تىكىش نۇرغۇن ئەرلەرنىڭ ئارزۇسىكەن
مەنبەسى:شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2014-10-22 15:34:14

 

سېمىز ئايالنىڭ ئالاھىدىلىكى:

1. شۈكرى-قانائەتچان، مىجەزى ئوڭلۇق. سېمىز ئاياللارنىڭ مىجەزى ئوڭلۇق، قانائەتچان كېلىدۇ، يامان ئىشلارغا ئارىلاشمايدۇ، ياخشى ئىشلارنى بولسا ئاكتىپلىق بىلەن قىلىدۇ. بۇنداق ئايالغا ئېرىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ ئامراق بولۇپ قالىدۇ.

2. پۇختا ئىش قىلىدۇ. سېمىز ئاياللار رۇخسارىنىڭ ئەڭ ئىشەنچىسىز كاپىتال ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ، شۇڭا ئۇلار چىرايغا ئەمەس، بەلكى مىجەزدە مۇلايىم ۋە ئاق كۆڭۈل بولۇشنى، ئىش-ھەرىكىتىدە پۇختا بولۇشنى قوغلىشىدۇ. بۇنداق ئاياللار ئەرلەرنىڭ نەزىرىدە ناھايىتى ئىشەنچىلىك كېلىدۇ سېمىز ئاياللارنىڭ تېنى ساغلام بولۇپ، تاماقنى جىق، دورىنى ئاز يەيدۇ. بۇنداق ئاياللارنى ئالسا، پەرزەنتىنىڭ سۈپىتىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ.

زىلۋا ئايالنىڭ ئالاھىدىلىكى:

1. ئەرلەر ئۇلار ئارقىلىق جەلپكار كۆرۈنىدۇ. ئېتىراپ قىلماي بولمايدىغان بىر پاكىت شۇكى، ھازىرقى جەمئىيەتتە ئورۇقلار گۈزەل، زىلۋالىق ساھىبجاماللارنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولۇپ قالدى. ئەرلەرنىڭ مۇشۇنداق ساھىبجامال لايىقى بولسا، ناھايىتى جەلپكار كۆرۈنىدۇ.

2. ئەرلەرنى زېرىكتۈرمەيدۇ. زىلۋا قىز-ئاياللار ئەركىلىسە، كىشىنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدۇ، بىراق سېمىز ئاياللار بۇنداق قىلسا، كۈلكە قىستايدۇ، ئەركىلەش-ساھىبجاماللارنىڭ خۇشال چاغلىرىدا يىگىتىگە كۆرسىتىدىغان ئاساسلىق ھۈنىرى، زىلۋا قىز-ئاياللارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ماھارىتى ناھايىتى ئۈستۈن.

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق