ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ھىندىستاننىڭ پايتەختىگە چېكەتكە تاجاۋۇز قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-29 21:34

 

 

ھىندىستان ھۆكۈمىتى شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: زور مىقداردىكى چېكەتكە ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلىدىكى گۇرگان، پالۋا، دېۋالكا قاتارلىق جايلارغا كىردى ھەمدە شىمالىي ئىشتاتقا قاراپ يۆتكىلىشكە باشلىدى. توپ ـ توپ چېكەتكىلەر شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ئەمەلدارلارنى ساراسىمىگە سالدى، پايتەخت يېڭى دېھلىمۇ يۈكسەك دەرىجىدە ئاگاھلاندۇرۇش ھالىتىگە كىردى. ھىندىستان يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، قارا يامغۇر ۋە كۈچلۈك بوران چېكەتكە توپىنىڭ يولىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇلارنى ھىندىستان-پاكىستان چېگراسىدىكى قاقاس رايونلاردىن چەتنىتىۋەتكەن بولۇشى مۇمكىنكەن. 

 

شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 27-كۈنىگىچە، ھىندىستاندا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلار 500 مىڭدىن ئاشتى، نۇرغۇن ئىشتاتلار يەنە چېكەتكە ئاپىتى كۆرۈلگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى، يۇقۇمىغا چېكەتكە ئاپىتى قوشۇلۇپ كەلگەچكە، ھىندىستان دائىرىلىرى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلنى ئىزدەشكە باشلىدى. 

 

خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ چېكەتكە توپى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شەكىللەنگەن بولۇپ، راجەستان ئىشتاتىدا ئالدى بىلەن بايقالغان، شۇ جايدا چېكەتكە يوقىتىش ھەرىكىتى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن قالغان چېكەتكىلەر قايتىدىن توپلىشىپ خاريانا ئىشتاتى ۋە دېھلى رايونىغا يېتىپ كەلگەن. گۇرگان شەھەرلىك ھۆكۈمەت 6-ئاينىڭ 26-كۈنى شەھەر ئاھالىلىرىگە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، ئاممىنىڭ كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان چېكەتكە توپىدىن ھوشيار بولۇشىنى ھەمدە ئىشىك-دېرىزىلەرنى چىڭ ئېتىپ، شاۋقۇن پەيدا قىلىش ئارقىلىق چېكەتكىلەرنىڭ توپلىشىپ قېلىشىدىن ساقلىنىشىنى تەۋسىيە قىلدى. 

6-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن كېيىن، نۇرغۇن چېكەتكە توپى دېھلىدىكى گۇرگان، پالۋا ۋە دېۋالكا قاتارلىق جايلاردا پەيدا بولدى ھەمدە شىمالىي ئىشتات تەرەپكە يۆتكەلدى. شۇ جايدىكى ئاھالىلەر ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىغا يوللىغان ۋىدېيولاردا كۆرسىتىلىشىچە، توپ-توپ چېكەتكىلەر ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەن، كىشىلەر قاچا-قۇچىلارنى ئۇرۇپ، شاۋقۇن چىقىرىپ چېكەتكىلەرنى قوغلىغان. دېھلى ھۆكۈمىتى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن كېيىن جىددىي يىغىن ئېچىپ، پايتەختتىكى قۇملۇق چېكەتكىسىنىڭ تەھدىتىگە قانداق تاقابىل تۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، چېكەتكە ئادەتتە كۈندۈزى ئۇچۇپ، كەچتە ئاندىن تىنچىيدىكەن. چېكەتكە كونترول قىلىش ئەترىتى ئۇلارنى توختىماي ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن ھەمدە چېكەتكە تىنچىغان ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ يوقىتىش مەشغۇلاتىنى قانات يايدۇرغان. 

قۇملۇق چېكەتكىسى چېكەتكە باش ئائىلىسى قۇملۇق چېكەتكىسى تۈرىدىكى بىر خىل ھاشارات بولۇپ، ئىنتايىن زىچ چېكەتكە توپىنى شەكىللەندۈرەلەيدۇ، ھەرىكەتچانلىقى ئىنتايىن يۇقىرى، شامالنىڭ ياردىمىدە ھەر كۈنى 150 كىلومېتىر ئۇچالايدۇ، چېكەتكە توپى  كۆلىمىنى بىر كىۋادرات كىلومېتىرغا يەتمەيدىغان كۆلەمدىن 1000 كىۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدىغان كۆلەمدە كېڭەيتەلەيدۇ، ھەر بىر كىۋادرات كىلومېتىر كۆلەمدىكى چېكەتكە توپىدا 40 مىليوندىن 80 مىليونغىچە يېتىلگەن چېكەتكە بولۇشى مۇمكىن. ھەر بىر چېكەتكە ھەر كۈنى بەدەن ئېغىرلىقىغا تەڭ كېلىدىغان ئۆسۈملۈكنى يەۋېتىدۇ. شۇڭا، چېكەتكە ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلارنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك تەسىرگە ئۇچرايدۇ.

 

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ھىندىستاننىڭ پايتەختىگە چېكەتكە تاجاۋۇز قىلدى

ھىندىستان ھۆكۈمىتى شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى مۇنۇلارنى