ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۆلەت بۇ قىلمىشلارنى جىنايەت دەپ بېكىتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-29 21:35

 

 

 

جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسى (11) 6-ئاينىڭ 28-كۈنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلۇپ، جىنايى ئىشلار قانۇنىغا ئالتە جەھەتتىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدىغان ۋە تولۇقلىنىدىغان بولدى. بۇنىڭدا قەھرىمانلار - قۇربانلارنى ھاقارەتلەش، ئۇلارغا تۆھمەت قىلىش جىنايەت دەپ ئېنىق بەلگىلەندى. ئاممىۋى بىخەتەرلىككە خەۋپ يەتكۈزىدىغان «ئېگىزدىن نەرسە تاشلاش»، «ئاممىۋى ئاپتوبۇس رولىنى تارتىۋېلىش» ئەمدى جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىشى مۇمكىن.

 

ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ھاقارەتلەش ۋە ئۇلارغا تۆھمەت قىلىش جىنايەت دەپ ئېنىق بەلگىلەندى

 

6-ئاينىڭ 28-كۈنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلغان جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسى (11) دە ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ھاقارەتلەش ۋە ئۇلارغا تۆھمەت قىلىش جىنايەت دەپ ئېنىق بەلگىلەندى.

لايىھەدە مۇنداق بەلگىلەندى: قەھرىمانلار-قۇربانلارنى ھاقارەتلەپ ۋە ئۇلارغا تۆھمەت قىلىپ، ئىجتىمائىي ئاممىۋى مەنپەئەتكە زىيان يەتكۈزگەنلەردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ. 

 

ئاممىۋى بىخەتەرلىككە خەۋپ يەتكۈزىدىغان «ئېگىزدىن نەرسە تاشلاش»، «ئاممىۋى ئاپتوبۇس رولىنى تارتىۋېلىش» ئەمدى جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىشى مۇمكىن

 

لايىھەدە مۇنداق بەلگىلەندى: ئېگىزدىن نەرسە تاشلاپ، ئاممىۋى بىخەتەرلىككە خەۋپ يەتكۈزگەنلەرگە تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئالدىنقى تارماقتىكى قىلمىشنى سادىر قىلىپ، باشقىلارنى تالاپەتكە ئۇچراتقان ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا باشقا جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرگە ئېغىرراق جازا بېرىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىلىپ جازا بېرىلىدۇ. 

لايىھەدە يەنە مۇنۇلار بەلگىلەندى: يول يۈرۈۋاتقان ئاممىۋى قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ شوپۇرلىرىغا زورلۇق ئىشلىتىش ياكى ھەيدەش  قۇرۇلمىسىنى تارتىۋېلىش، ئاممىۋى قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ نورمال يۈرۈشىگە كاشىلا قىلىپ، ئاممىۋى بىخەتەرلىككە خەۋپ يەتكۈزگەنلەرگە بىر يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن شوپۇرلارنىڭ باشقىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ، ئاممىۋى بىخەتەرلىككە خەۋپ يەتكۈزۈش قىلمىشىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى قىلمىشنى سادىر قىلىپ، باشقىلارنى تالاپەتكە ئۇچراتقان ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە باشقا جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرگە ئېغىرراق جازا بېرىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىلىپ جازا بېرىلىدۇ. 

 

توردا قانۇنسىز مەبلەغ توپلاشقا بېرىلىدىغان جازانىڭ مۇددىتى 15 يىلغا ئۇزارتىلىدىغان بولدى

 

لايىھەدە پۇل مۇئامىلە تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلىسى نامىدا توردا قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش بىلەن شۇغۇللانغانلارغا بېرىلىدىغان جازا مۇددىتى ئون يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىدىن 15 يىلغا ئۇزارتىلىدىغان بولدى.

بىرىنچى، ئاكسىيە جىنايىتى بەلگىلىمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. ئۇچۇر ئاشكارىلاش يادرو قىلىنغان ئاكسىيە تارقىتىشنى رويخەتكە ئېلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇلۇپ، رويخەتكە ئېلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىنىپ، ئاكسىيە بازىرى تەرتىپى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مەنپەئەتى قوغدىلىپ، پاي چېكى، زايومنى ئالدامچىلىق قىلىپ تارقىتىش جىنايىتى ۋە مۇھىم ئۇچۇرلارنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئاشكارىلاش، ئاشكارىلىماسلىق جىنايىتىگە بېرىلىدىغان جازانىڭ سالمىقى ئۆستۈرۈلۈپ، پاي چېكىنى كونترول قىلغان پايچىكلار، ئەمەلىي كونترول قىلغۇچىلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كېپىللىك ۋە تونۇشتۇرۇش ئاپپاراتلىرى قاتارلىق ۋاسىتىچى ئاپپاراتلارنىڭ ئاكسىيە تارقىتىشتا، زور مۈلۈك سودىسىدا ساختا ئىسپات ھۆججىتى بىلەن تەمىنلىشى قاتارلىق جىنايەتلەرنى جازالاش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، كاپىتال بازىرىدىكى قانۇن - بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش تەننەرخى ئۆستۈرۈلىدۇ.

ئىككىنچى، قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەر قاتتىق جازالىنىدۇ. ئەمەلىيەت داۋامىدا قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ ئالاقە تورىدىكى پۇل مۇئامىلە نامىدىن پايدىلىنىپ توردا قانۇنسىز مەبلەغ توپلاپ، ئىقتىسادىي، پۇل مۇئامىلە تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرۇش ۋە ئاممىنىڭ مال-مۈلكىگە زور زىيان يەتكۈزۈش ئەھۋالىغا قارىتا، ئاممىنىڭ ئامانەت پۇلىنى قانۇنسىز جەلپ قىلىش جىنايىتىگە بېرىلىدىغان قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەڭ يۇقىرى جازا مۇددىتى ئون يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىدىن 15 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ئۇزارتىلىپ، مەبلەغ توپلاپ ئالدامچىلىق قىلىش جىنايىتىنىڭ جىنايى جازا قۇرۇلمىسى تەڭشىلىپ، قانۇنسىز مەبلەغ توپلاپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنى جازالاش سالمىقى ئاشۇرۇلىدۇ.

ئۈچىنچى، قانۇنسىز قەرز سۈيلەش قىلمىشلىرى قاتتىق جازالىنىدۇ. «قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش» مەخسۇس كۈرىشىنىڭ ئەمەلىي تەجرىبىلىرى يەكۈنلىنىپ، يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز بېرىشتىن كېلىپ چىققان قەرزنى ھەمدە باشقا قانۇنلاردا قوغدالمايدىغان قەرزنى قايتۇرۇشنى زوراۋانلىق، «يۇمشاق زوراۋانلىق» قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ سۈيلەش ھەمدە بۇنى كەسىپ قىلىۋالغان قىلمىشلار جىنايەت دەپ بېكىتىلىدۇ.

 

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دۆلەت بۇ قىلمىشلارنى جىنايەت دەپ بېكىتتى

جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسى (11) 6-ئاينىڭ 28-كۈنى مەملىكەتلىك خەلق