ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنفادىدا يۇقۇملانغان بىماردىن بىرى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-29 21:35

 

 

مۇخبىرنىڭ دىتەن دوختۇرخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شىنفادى بازىرىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بىمارلار ئىچىدىكى تۇنجى بولۇپ ساقايغان خې ئەپەندى بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن دوختۇرخانىدىن چىققان. 

 

 

 

خې ئەپەندى، 56 ياش، ئەر، بېيجىڭ شىچېڭ رايونىدىن، ئاپتوبۇس شوپۇرى. 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى شىنفادى بازىرىدىكى كالا، قوي گۆشى سېتىش ئورنىدا قوي گۆشى سېتىۋېلىش ئۈچۈن تەخمىنەن 20 مىنۇت تۇرۇپ قالغان، ئىككى كۈندىن كېيىن ماغدۇرسىزلانغان، 6-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۇنىڭدا قىزىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن، ئەڭ يۇقىرى بەدەن تېمپېراتۇرىسى تەخمىنەن ℃38.0 بولغان، دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالانغاندىن كېيىن، يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسنىڭ يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىققان، CT دا ئوڭ ئۆپكە قانىتىنىڭ ئۈستى تەرىپىدە مەسىلە بارلىقى كۆرسىتىلگەن، ئۇ 6-ئاينىڭ 13-كۈنى يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى (ئادەتتىكى تىپلىق) بىلەن بېيجىڭ دىتەن دوختۇرخانىسىنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش 5-رايونىغا قوبۇل قىلىنغان. دوختۇرخانىغا كىرگەندىن كېيىنكى ئىككىنچى كۈنى بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ℃39.8 كە يەتكەن، يۆتەلگەن، بەلغەم كەلمىگەن، قىزىتما ياندۇرۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بويىچە داۋالانغان، 6-ئاينىڭ 16-كۈنى بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئەسلىگە كەلگەن. كىلىنىكىلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى، CT نەتىجىسى ۋە خىمىيەلىك تەكشۈرۈش كۆرسەتكۈچى نەچچە كۈن ئىچىدە ئارقا-ئارقىدىن ياخشىلىنىپ، 6-ئاينىڭ 21-كۈنى ۋە 6-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى ئىككى قېتىملىق يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي چىققان ھەمدە دوختۇرخانىدىن چىقىش ئۆلچىمىگە يەتكەن. 

خې ئەپەندى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى دوختۇرخانىدىن چىقىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن خۇشال بولغان. خې ئەپەندى «قانداق يۇقۇملىنىپ قالغانلىقى» توغرىسىدىكى سوئالغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: «بىرىنچى قېتىملىق يۇقۇم ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، ھوشيارلىقنى بوشاشتۇرۇپ قويۇپتىمەن. بازارغا چىققاندا، ھاۋا ئىسسىق بولغاچقا پات-پات ماسكىنى ئېلىۋېتىپتىمەن، بەلكىم مۇشۇنداق ئۇششاق ھەرىكەتلەر يۇقۇملىنىپ قېلىشىمغا سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن». 

خې ئەپەندى خوتۇنى، بالىسى، 80 نەچچە ياشلىق ئاپىسىنىڭ يۇقۇملىنىپ قالمىغانلىقىدىن ئۆزىنى ئىنتايىن تەلەيلىك ھېس قىلغان. ئۇ مۇنداق دېدى: «يۇقۇم سەۋەبىدىن بۇ كۈنلەردە ئىشقا بارمىدىم، ئىدارىدىكى خىزمەتداشلىرىم بىلەنمۇ ئۇچراشمىدىم، شۇڭا ئۇلارمۇ يۇقۇملانمىدى، بۇنىڭ بىلەن كۆڭلۈم خېلى ئارام تېپىپ قالدى». 

خې ئەپەندى دوختۇرخانىدىكى ئەھۋاللىرى توغرىسىدىكى سوئالغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «دوختۇر-سېسترالارنىڭ ھەممىسى ماڭا ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلدى، ھەممە ئىشلار شۇنداق ياخشى، تاماقلارمۇ شۇنداق يېيىشلىك». 

خې ئەپەندى تاراتقۇلار ئارقىلىق كۆپچىلىككە ئالايىتەن مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: «كۆپچىلىك ھوشيارلىقنى ھەرگىز بوشاشتۇرۇپ قويماڭلار، مۇداپىئەنى ياخشى قىلىڭلار!»

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شىنفادىدا يۇقۇملانغان بىماردىن بىرى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى!

خې ئەپەندى دوختۇرخانىدىكى ئەھۋاللىرى توغرىسىدىكى سوئالغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى