ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭدا 112+

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-07-31 15:22

 

30-ئىيۇل سائەت 0 دىن 24 كىچە، 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە يېڭىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان 127 بىمار دوكلات قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا سىرتىدىن كىرگەن بىمار تۆت (گۇاڭدۇڭدا ئۈچ، تيەنجىندە بىر)، يەرلىك بىمار 123 (شىنجاڭدا 112، لياۋنىڭدا 11)؛ قازا قىلغانلار يوق؛ يېڭىدىن كۆپەيگەن گۇمانىي بىمار بىر بولۇپ، چېگرا سىرتىدىن كىرگەن (شاڭخەيدە).

شۇ كۈنى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان بىمار 17، تېببىي كۆزىتىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار 279 كىشى، كېسىلى ئېغىر بىمارلارنىڭ سانى ئالدىنقى كۈنىدىكىدىن سەككىزى كۆپەيگەن.

چېگرا سىرتىدىن كىرگەن ھازىر بار بىمار 78 (بۇنىڭ ئىچىدە كېسىلى ئېغىر بىمار ئۈچ)، ھازىر بار گۇمانىي بىمار ئىككى. ھازىرغىچە بايقالغان بىمار جەمئىي 2063، 1985 بىمار ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى، قازا قىلغانلار يوق.

30-ئىيۇل سائەت 24 كىچە، 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ھازىر بار ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 684 (بۇنىڭ ئىچىدە كېسىلى ئېغىر بىمار 41)، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان بىمار جەمئىي 78974، قازا قىلغانلار جەمئىي 4634، دوكلات قىلىنغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار جەمئىي 84292، ھازىر بار گۇمانىي بىمار ئىككى. ھازىرغىچە ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈلگەن يېقىندىن ئۇچراشقۇچى جەمئىي 787335 كىشى، ھېلىھەم تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىۋاتقان يېقىندىن ئۇچراشقۇچى 18461 كىشى.

31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ دوكلاتىدا يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچى 11 (چېگرا سىرتىدىن كىرگىنى بەش)؛ شۇ كۈنى ئۇلاردىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغىنى 36 (چېگرا سىرتىدىن كىرگىنى يوق)؛ شۇ كۈنى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان كىشى توققۇز (چېگرا سىرتىدىن كىرگىنى ئىككى)؛ ھېلىھەم تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىۋاتقان كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچى 246 (چېگرا سىرتىدىن كىرگىنى 93).

شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونلىرى ھازىرغىچە دوكلات قىلغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 3664. بۇنىڭ ئىچىدە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا 3151 (ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققىنى 1660، قازا قىلغىنى 25)، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا 46 (ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققىنى 46)، تەيۋەن رايونىدا 467 (ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققىنى 440، قازا قىلغىنى يەتتە).

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شىنجاڭدا 112+

30-ئىيۇل سائەت 0 دىن 24 كىچە، 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە يېڭىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان 127 بىمار دوكلات قىلىندى،