ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قۇربان ھېيت مەزگىلىدە بۇ ئىشلاردىن ئەنسىرىمەڭ!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-07-31 15:22

 

 

 

 

بۈگۈن يەنى 31-ئىيۇل قۇربان ھېيت. 30-ئىيۇل سائەت 17دە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا ئۆتكۈزگەن 13-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۇڭ ياجۈن: ئۈرۈمچى شەھىرى قۇربان ھېيت مەزگىلىدە ماددىي ئەشيا بىلەن تەمىنلەشكە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىدۇ، دېدى.

سۇڭ ياجۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بايراملىق تەمىنلەش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەستايىدىل تەشكىللەپ، بايرام مەزگىلىدىكى ماددىي ئەشيا بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەيدۇ.

بىرىنچى، چارۋا ۋە ئۆي قۇشلىرىنى سويۇش مىقدارى ئاشۇرۇلىدۇ. ھېيت مەزگىلىدە، ھەر كۈنى 1700 تۇياقتىن ئارتۇق قوي ۋە كالا سويۇلۇپ، كۈندىلىك تەمىنلەش مىقدارى ئىلگىرىكىدىن %50 تىن كۆپرەك ئاشۇرۇلىدۇ؛ ئۆي قۇشلىرىنى سويۇش مىقدارى 33 مىڭ ئەتراپىغا يەتكۈزۈلۈپ، ئىلگىرىكىدىن %30 ئاشۇرۇلىدۇ.

ئىككىنچى، شەھەر زاپاس گۆشىنى بازارغا سېلىش خىزمىتى باشلاندى. كالا، قوي گۆشلىرى يېڭى پېتى بازارغا سېلىنىدۇ، 29-ئىيۇلدىن 12-ئاۋغۇستقىچە ئۇدا 15 كۈن يېڭى كالا، قوي گۆشىنى بازارغا سېلىش پىلانلاندى، 200 توننا قوي گۆشى، 150 توننا كالا گۆشىنى بازارغا سېلىش مۆلچەرلەندى.

ئۈچىنچى، يەرلىك كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش سالمىقى ئاشۇرۇلىدۇ. كۈندىلىك بازارغا سېلىنىدىغان يېڭى كۆكتاتلارنىڭ تۈرى 40 خىلدىن ئارتۇق، مىقدارى 1000 توننا ئەتراپىدا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كۆكتات ئىستېمالى ئۈزلۈكسىز بېيىتىلىدۇ.

تۆتىنچى، ھەرقايسى چوڭ بازارلاردا ئاشلىق، ياغ، سۈت، تۇخۇم قاتارلىق قوشۇمچە يېمەكلىكلەر بىلەن تەمىنلەشنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. بايرام مەزگىلىدە كۈنىگە 260 توننا سۈت، 120 توننا تۇخۇم تەمىنلىنىدۇ.

بەشىنچى، كۆكتات، گۆش تۈرلىرىنىڭ يېتەكچى باھاسى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. شەھەر بويىچە 491 مەھەللە كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىدا سېتىش باھاسىغا چەك قويۇلۇپ، مالىيەدىن 10 مىليون يۈەن تولۇقلىما بېرىلىدۇ. لىڭچىڭ قاتارلىق 2-دەرىجىلىك بازارلاردا 1-دەرىجىلىك توپ سېتىش باھاسى ئىجرا قىلىنىپ، باھا پەرقى قىسمىغا تولۇقلىما بېرىلىدۇ. تۈرلۈك كۆكتات تىجارەت دۇكانلىرى (جەمئىيەتتىكى كۆكتات دۇكانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچى باھاسىنى ئىجرا قىلىدۇ، باھا پەرقى قىسمىغا ھۆكۈمەت تولۇقلىما بېرىدۇ. نۆۋەتتە، شەھەر بويىچە تۈرلۈك توپ سېتىش بازارلىرىدا كۆكتات مىقدارى يېتەرلىك، باھاسى مۇقىم بولۇپ، 60 خىل كۆپ ئۇچرايدىغان كۆكتاتنىڭ توپ سېتىش باھاسى ئاساسىي جەھەتتىن يۇقۇم يۈز بېرىشتىن بۇرۇنقى سەۋىيەگە چۈشتى. 24-ئىيۇلدىن باشلاپ، گۆشنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسىدا 15-ئىيۇل ئېلان قىلىنغان ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى ئىجرا قىلىندى، مالىيەدىن گۆش، كۆكتاتلارنىڭ مۇقىم باھاسىغا 20 مىليون يۈەن تولۇقلىما بېرىلدى.

ئالتىنچى، بايراملىق ماددىي ئەشيا بىلەن تەمىنلەش يوللىرى راۋانلاشتۇرۇلىدۇ. تىرانسپورت ھالقىلىرىنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، پارچە سېتىش ھالقىلىرىدىكى مۇلازىمەت ئەلالاشتۇرۇلۇپ، ماددىي ئەشيا بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى ھۆددىگە ئېلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، مەھەللە بىرلىك، مەھەللە كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى تەمىنلەش سۇبيېكتى، كىچىك ماگىزىن، كىچىك كۆكتات دۇكىنى، قولاي دۇكانلار تىرەك قىلىنىدۇ؛ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇش شەرتى ئاستىدا ئېھتىياج بويىچە تەمىنلىنىپ، ئاھالىلەر زاكاز قىلىش، تىجارەتچى تەمىنلەش، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ۋە پىدائىيلار بىۋاسىتە ئۇچراشماستىن يەتكۈزۈپ بېرىش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، ئاھالىلەر گۆش، تۇخۇم، سۈت، ئاشلىق، ياغ، كۆكتات قاتارلىق بايراملىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلىنىدۇ.

يەتتىنچى، تەمىنلەش نۇقتىسى قاتارلىق سورۇنلاردا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ماددىي ئەشيا بىلەن تەمىنلەشنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش كۈچەيتىلىپ، گۆش، كۆكتات، ئاشلىق، ياغ بىلەن تەمىنلەشنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ؛ بۇلارنى يەتكۈزۈش جەرياندا دېزىنفېكسىيە قىلىش قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىنىدۇ؛ مال باھاسىنى ئۆستۈرۈۋېتىش قاتارلىق قانۇنسىز قىلمىشلارغا زەربە بېرىش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، بايراملىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى باھاسىنىڭ مۇقىملىقىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

سۇڭ ياجۈن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ھەر مىللەت شەھەر ئاھالىسىنى بايرام مەزگىلىدە، ئولتۇراق رايوندىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، بايرامنى توردا سىن  ئارقىلىق تەبرىكلىشىشنى تەشەببۇس قىلدى ۋە «ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە بىرلىكتە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەيلى!» دېدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قۇربان ھېيت مەزگىلىدە بۇ ئىشلاردىن ئەنسىرىمەڭ!

بۈگۈن يەنى 31-ئىيۇل قۇربان ھېيت. 30-ئىيۇل سائەت 17دە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا ئۆتكۈزگەن 13-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا،