ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ كىشىلەرنىڭ كىرىمى كۆپىيىدىغان بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-07-31 15:23

 

28-ئىيۇل، دۆلەتلىك باج باش ئىدارىسى «قىسمەن باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى ئالدىن تۇتۇپ ئالدىن تاپشۇرۇش ئۇسۇلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە تەڭشەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش»(تۆۋەندە قىسقارتىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى تۈزۈپ تارقىتىپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق يىل ئارىلىقىدا تۇنجى قېتىم خىزمەتكە كىرگەنلەر ۋە پىراكتىكانت ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىن تۇتۇپ ئالدىن تاپشۇرۇش باسقۇچىدىكى باج يۈكىنى يەنىمۇ يېنىكلەتتى. «ئۇقتۇرۇش»نىڭ تەپسىلىي مەزمۇنى ۋە چۈشەندۈرۈلۈشى تۆۋەندىكىچە:

بىرىنچى، باجنى ۋاكالىتەن تاپشۇرغۇچى بىر باج تاپشۇرۇش يىلى ئىچىدە تۇنجى قېتىم مائاش ئالغان، ئىش ھەققى تاپاۋىتىگە ئېرىشكەن شەخسىيدىن شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجىنى ئالدىن تۇتۇپ قېلىپ تاپشۇرغاندا، 5000 يۈەننى شۇ يىلنىڭ باج تاپشۇرغۇچى مائاش ئالغان ئايغىچە بولغان ئاي سانىغا كۆپەيتىپ جەمئىي چىقىرىۋېتىلىدىغان خىراجەتنى ھېسابلىسا بولىدۇ.  

مەسىلەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى شياۋلى 2020-يىلى ئىيۇلدا ئوقۇش پۈتكۈزۈپ مەلۇم شىركەتكە كىرىپ خىزمەت قىلغان بولسا، شىركەت 7-ئايلىق مائاشنى تارقاتقاندا، شۇ مەزگىلدە ئالدىن تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى ئالدىن تۇتۇپ قالغاندا، چىقىرىۋېتىشكە بولىدىغان خىراجەت 35 مىڭ يۈەن بولىدۇ (يەتتە ئاي × 5000 يۈەن \ ئاي). 

ئىككىنچى، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئوقۇش تارىخى مائارىپىنى قوبۇل قىلغان ئوقۇغۇچىلار پىراكتىكا قىلىپ ئەمگەك-مۇلازىمەت ھەققى ئالغاندا، باجنى ۋاكالىتەن تاپشۇرغۇچى شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى ئالدىن تۇتۇپ قالغاندا، «دۆلەتلىك باج باش ئىدارىسىنىڭ < شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجىنى تۇتۇپ قېلىپ تاپشۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشنى باشقۇرۇش چارىسى (سىناق نۇسخىسى) >نى ئېلان قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» (2018-يىلى 61-نومۇرلۇق)دا بەلگىلەنگەن جەمئىي ئالدىن تۇتۇپ قېلىنىدىغان ھەقنى ھېسابلاش ئۇسۇلى بويىچە ھېسابلاپ باجنى ئالدىن تۇتۇپ قالىدۇ.

شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش نىزامىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، جەمئىي تۇتۇپ قېلىنىدىغان شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجىنىڭ كونكرېت ھېسابلاش فورمۇلاسى تۆۋەندىكىچە:

ئالدىن تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج سوممىسى=(جەمئىي كىرىم سوممىسى-چىقىرىۋېتىلىدىغان جەمئىي خىراجەت)×ئالدىن تۇتۇپ قېلىنىدىغان باج نىسبىتى-تېز ھېسابلاپ چىقىرىۋېتىلىدىغان سان-جەمئىي كېمەيتىلگەن-كەچۈرۈم قىلىنغان باج سوممىسى-جەمئىي ئالدىن تۇتۇپ قېلىنىدىغان باج سوممىسى 

بۇنىڭ ئىچىدە، چىقىرىۋېتىلىدىغان جەمئىي خىراجەت بەش مىڭ يۈەننى باج تاپشۇرغۇچى شۇ ئورۇندا پىراكتىكا قىلىشقا باشلىغان ئايدىن باشلاپ مۇشۇ ئايغىچە بولغان پىراكتىكا ئاي سانىغا كۆپەيتىپ ھېسابلاپ چىقىلىدۇ. 

يۇقىرىقى فورمۇلادىكى ئالدىن تۇتۇپ قېلىش نىسبىتى، تېز ھېسابلاپ تۇتۇپ قېلىنىدىغان سان 2018-يىلىدىكى 61-نومۇرلۇق ئۇقتۇرۇشتا قوشۇمچە قىلىنغان «شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجىنى ئالدىن تۇتۇپ قېلىش نىسبىتى 1-جەدۋىلى» بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

مەسىلەن، ئوقۇغۇچى شياۋجاڭ ئىيۇلدا مەلۇم شىركەتتە پىراكتىكا قىلىپ 3000 يۈەن ئەمگەك ھەققى ئالغان. باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچى ئورۇن ئەمگەك-مۇلازىمەت ھەققى تاپاۋەت بېجىنى ئالدىن تۇتۇپ ئالغاندا، باجنى جەمئىي چىقىمنى چىقىرىۋېتىپ ھېسابلاپ ئالدىن تاپشۇرسا بولىدۇ. بۇ ئۇسۇل بويىچە ھېسابلىغاندا، شياۋجاڭنىڭ 7-ئايدىكى ئەمگەك-مۇلازىمەت ھەققىدىن 5000 يۈەننى چىقىرىۋەتكەندە ئۇنىڭدىن باج تۇتۇلمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇ باجنى ئالدىن تۇتۇپ ئالدىن تاپشۇرۇش ئۇسۇلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە تەڭشەشتىن ئىلگىرىكىگە قارىغاندا 440 يۈەننى ئارتۇق ئالغان بولىدۇ. ئەگەر شياۋجاڭنىڭ يىل ئىچىدە باشقا ئۇنىۋېرسال تاپاۋىتى بولمىسا، يىللىق جەملەپ باج قايتۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى بولمايدۇ. 

ئۈچىنچى، بۇ ئۇقتۇرۇشتىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەمدە شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجى يۇقىرىقى ماددىلار بويىچە ئالدىن تۇتۇپ قېلىنىدىغان باج تاپشۇرغۇچى ئالاقىدار دەلىل-ئىسپات ماتېرىياللىرى ياكى ۋەدىنامىنى باجنى ۋاكالىتەن تاپشۇرغۇچىغا ۋاقتىدا ھەمدە ئەينەن تاپشۇرۇشى، شۇنداقلا ئالاقىدار ماتېرىياللار ۋە  ۋەدىنامىنىڭ  چىنلىقى، توغرىلىقى، مۇكەممەللىكىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك. ئالاقىدار ماتېرىياللار ياكى ۋەدىنامىنى باج تاپشۇرغۇچى ۋە باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ قېلىپ تاپشۇرغۇچى بىر نۇسخىدىن ساقلاپ قويۇشى كېرەك. 

باج تاپشۇرغۇچى ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن بۇ ئۇقتۇرۇشتا بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلسا بولىدۇ. بۇ شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەن ھەمدە مۇشۇ ئۇقتۇرۇشتا بەلگىلەنگەن ئۇسۇل بويىچە ئالدىن تاپشۇرۇلىدىغان باج پۇلىنى تاپشۇرغاندا، باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ قالغۇچىغا ئالاقىدار دەلىل-ئىسپات ماتېرىياللىرى ياكى ۋەدىنامىنى دەل ۋاقتىدا ئەينەن تاپشۇرۇشى كېرەك.

مەسىلەن، يېڭىدىن خىزمەتكە كىرگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇش پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسى ياكى مەكتەپنىڭ ئەۋەتىش گۇۋاھنامىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپات ماتېرىياللىرىنى شۇ ئورۇنغا كۆرسەتسە بولىدۇ؛ پىراكتىكانت ئوقۇغۇچى شۇ ئورۇندىن ئەمگەك-مۇلازىمەت ھەققى تاپاۋىتىگە ئېرىشكەن بولسا، ئەگەر باج پۇلىنى ئالدىن تۇتۇپ قېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئالدىن تۇتۇپ قېلىش توغرا كەلسە، شۇ ئورۇنغا ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپات ماتېرىياللىرىنى كۆرسەتسە بولىدۇ؛ يىل ئارىلىقىدا تۇنجى قېتىم مائاش ياكى ئىش ھەققى تاپاۋىتىگە ئېرىشكەن باشقا باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ھەقىقەتەن تاپشۇرغۇدەك ئىسپات ماتېرىيالى بولمىسا، ۋەدىنامە يېزىپ تاپشۇرسا بولىدۇ.

باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچى ئالاقىدار دەلىل-ئىسپات ماتېرىياللىرى ياكى ۋەدىنامىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن ۋە تەڭشەلگەندىن كېيىنكى باجنى ئالدىن تۇتۇپ ئالدىن تاپشۇرۇش ئۇسۇلى بويىچە باج تاپشۇرغۇچىنىڭ شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى ئالدىن تۇتۇپ قېلىشى كېرەك. 

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، باج تاپشۇرغۇچى باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچىغا بەرگەن دەلىل-ئىسپات ماتېرىيالى ۋە ۋەدىنامىنىڭ چىنلىقى، توغرىلىقى، مۇكەممەللىكىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك. ئالاقىدار دەلىل-ئىسپات ماتېرىياللىرى ۋە ۋەدىنامىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ياكى كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى باج تاپشۇرغۇچى ۋە باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچى بىر نۇسخىدىن ساقلاپ قويۇشى كېرەك. 

تۆتىنچى، بۇ ئۇقتۇرۇشتا ئېيتىلغان تۇنجى قېتىم مائاش ئالغان ياكى ئىش ھەققى تاپاۋىتىگە ئېرىشكەن شەخسىي باج تاپشۇرۇش يىلىنىڭ 1-ئېيىدىن باشلاپ يېڭىدىن خىزمەتكە كىرگىچە مائاش، ئىش ھەققى تاپاۋىتىنى ئالمىغان ياكى ئالدىن تۇتۇپ قېلىش ئۇسۇلى بويىچە شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئالدىن تۇتۇپ قېلىنىدىغان ئۈزلۈكسىز ئەمگەك-مۇلازىمەت ھەققىگە ئېرىشمىگەن ئاھالىلەرنى كۆرسىتىدۇ. 

بۇ، يېڭى ئورۇنغا كىرىشتىن ئىلگىرى مائاش، ئىش ھەققى تاپاۋىتىگە ئېرىشكەن ياكى ئالدىن تۇتۇپ قېلىش ئۇسۇلى بويىچە شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئالدىن تۇتۇپ قېلىنىدىغان ئۈزلۈكسىز ئەمگەك- مۇلازىمەت ھەققى ئالغان شەخسىيلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. ئەگەر باج تاپشۇرغۇچى يېڭىدىن خىزمەتكە كىرىشتىن بۇرۇن تاسادىپىي ھالدا ئەمگەك-مۇلازىمەت ھەققى، قەلەم ھەققى، ئالاھىدە ئىجازەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىش ھەققىگە ئېرىشكەن بولسا، بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ، يەنىلا يۇقىرىقى ئۇقتۇرۇشتىكى بەلگىلىمىنى تەتبىقلاشقا بولىدۇ. 

مەسىلەن، باج تاپشۇرغۇچى شياۋجاۋ 2020-يىل 1-ئايدىن 8-ئايغىچە ئىزچىل خىزمەت تاپالمىغان، مائاش، ئىش ھەققى تاپاۋىتىگە ئېرىشمىگەن، پەقەت بىر قېتىم 8000 يۈەن ئەمگەك ھەققى ئالغان ھەمدە بىر قېتىملىق كىرىمنىڭ %20ى بويىچە ئالدىن تۇتۇپ قېلىنىدىغان باج پۇلى ئالدىن تۇتۇپ قېلىنغان، 9-ئاينىڭ بېشىدا ئۇ يېڭى خىزمەت تېپىپ مائاش ئېلىشقا باشلىغان، ئۇنداقتا ئۇ خىزمەتكە كىرگەن ئورۇن شياۋجاۋ ئۈچۈن 9-ئايلىق مائاش، ئىش ھەققى تاپاۋىتى بېجىنى ئالدىن تۇتۇپ قالغاندا، ئۇنىڭ مائاشىدىن يىل بېشىدىن باشلاپ شۇ ئايغىچە بولغان جەمئىي خىراجەت 45 مىڭ يۈەن (5000 يۈەندىن 9 ئايدا 45 مىڭ يۈەن بولىدۇ)نى چىقىرىۋېتىپ باج ھېسابلايدۇ. 

«ئۇقتۇرۇش» 2020-يىل 1-ئىيۇلدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 2020-يىل 1-ئىيۇلدىن بۇرۇن ئىشقا ئورۇنلاشقان ياكى پىراكتىكا قىلغان باج تاپشۇرغۇچى ئەگەر شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى ئارتۇق تاپشۇرغان بولسا، كېيىنكى يىلى ئۇنىۋېرسال تاپاۋەتنى جەملەپ ھېسابلىغاندا باج قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇ كىشىلەرنىڭ كىرىمى كۆپىيىدىغان بولدى

28-ئىيۇل، دۆلەتلىك باج باش ئىدارىسى «قىسمەن باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى ئالدىن تۇتۇپ ئالدىن تاپشۇرۇش ئۇسۇلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە تەڭشەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش»(تۆۋەندە قىسقارتىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى تۈزۈپ تارقىتىپ،