ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قەنتسىز ئىچىملىك راستتىنلا قەنتسىزمۇ؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-12 17:29

 

您的浏览器不支持 audio标签

بۈگۈنكى كۈندە، بارغانسېرى كۆپلىگەن ساغلاملىق ئىدىيەسىگە ئىگە كىشىلەر ئاز قەنتلىك ئىچىملىكلەرنى ئىچىشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى، بازاردىكى نۇرغۇن قەنتسىز ئىچىملىكلەرمۇ تەدرىجىي ھالدا «يېڭى ئەتىۋارلىق»غا ئايلاندى، قەنتسىز قەھۋە، قەنتسىز سوغۇق چاي، قەنتسىز ئىقتىدارلىق ئىچىملىكلەر ئارقا-ئارقىدىن بازارغا چىقتى.
ئۇنداقتا، بۇ"قەنتسىز" مەھسۇلاتلار تەركىبىدە راستتىنلا قەنت يوقمۇ؟ قەنتسىز ئىچىملىكنى بەھۇزۇر ئىچىشنىڭ راستتىنلا بەدەنگە ھېچقانداق يۈكى يوقمىدۇ؟

 

 

 

سەنشى ئۆلكىسى تەييۈەن شەھىرىدىكى بىر تاللا بازىرىدا "قەنتسىز" دېگەن خەت يېزىلغان ئىچىملىك مال جازىسىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە قويۇلغان. دائىم ئۇچرايدىغان قەنتسىز كولادىن باشقا، يەنە بىر قىسىم داڭلىق ماركىلىق ئۆرۈك مېغىزى شەربىتى، چاي ئىچىملىكى، قارا ئۆرۈك شەربىتى قاتارلىقلارنىڭ قەنتسىز نۇسخىسى بازارغا سېلىنغان.


مەيلى تور دۇكانلىرىدا بولسۇن ياكى ئەنئەنىۋىي دۇكان بازارلاردا بولسۇن، قەنتسىز ئىچىملىكلەر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشمەكتە، سېتىلىش مىقدارىمۇ تېز سۈرئەتتە ئاشماقتا.
سەنشى ئۆلكىسى تەييۈەن شەھىرىدىكى ئاممىنىڭ قارىشىچە، قەنت مىقدارى تۆۋەن بولسا سالامەتلىككە پايدىلىقراق ئىكەن، تېخىمۇ خاتىرجەم ئىچكىلى بولىدىكەن، ئىچكەن كىشىمۇ قوبۇل قىلغان ماي مىقدارىنى ئازلىغاندەك تۇيغۇدا بولىدىكەن.
ئەمما يەنە بەزى كىشىلەر، بۇ قەنتسىز ئىچىملىكلەر پەقەت بىر خىل پىسخىكىلىق تەسەللى، سەمرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالالمايدۇ، دەپ قارايدۇ.


گەرچە بۇ ئىچىملىكلەرنىڭ ھەممىسىگە يوغان قىلىپ"قەنتسىز" دېگەن خەت يېزىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتكەندە، بەزى قەنتسىز ئىچىملىكلەرنىڭ ماتېرىيال تەڭشەش جەدۋىلىدە تاتلىق ماددا، كىسلىتول، ئەنسەي شىرنىسى قاتارلىق خەتلەر بارلىقىنى، ئاتالمىش "قەنتسىز"نىڭ مۇتلەق مەنىدىكى نۆل قەنت ئەمەس ئىكەنلىكىنى بايقىغىلى بولىدۇ.

سەنشى داشۆسى ھاياتلىق ئىلىمى شۆيۈەنىنىڭ دوتسېنتى جاڭ گوخۇا مۇنداق دەيدۇ: دۆلەت ئۆلچىمىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ھەر 100 مىللىمېتىر ئىچىملىكتىكى قەنت مىقدارى  0.5 گىرامدىن تۆۋەن بولسا، قەنتسىز ئىچىملىك دەپ ئەسكەرتىشكە بولىدۇ. قەنتسىز ئىچىملىك ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا، ھەر خىل تاتلىق تەم كىرگۈزگۈچلەرنى ئىشلىتىپ مەھسۇلاتنىڭ تەمىنى ياخشىلايدۇ.
گەرچە تاتلىق تەم كىرگۈزگۈچنى ئىلمىي ئىشلىتىش ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزمىسىمۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن ئىستېمالچىلار قەنتسىز ئىچىملىك ئىچىش چوقۇم ئادەتتىكى ئىچىملىككە قارىغاندا تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ دەپ قارىسىمۇ، ھەتتاكى ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن تاتلىق تەم كىرگۈزگۈچىلەرنىڭ ئىسسىقلىقى گەرچە قومۇش شېكىرىنىڭ ئېنېرگىيەسىدىنمۇ تۆۋەن بولسىمۇ، لېكىن يەنە ئوخشاشلا ئېنېرگىيەگە ئىگە. مېۋە شېكىرى بار ئىچىملىكلەرنى ئىچكەندە، گەرچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قان شېكىرىنى ئۆرلەتمەيدىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇزاق ۋاقىت ئىچكەندە بەدەندىكى ياغنىڭ يىغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


سەنشى تېببىي داشۆسى 1-دوختۇرخانىسى ئوزۇقلۇق بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى سۈن پىڭ مۇنداق دەيدۇ: ھەر كۈنى قەنتسىز ئىچىملىكلەرنى كۆپ مىقداردا ئىچكەندە، تاتلىق تەم خۇرۇچىنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارى ئادەم بەدىنىنىڭ چىقىرىش ۋە زەھەر قايتۇرۇش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كېتىپ، بەزى ئەكس تەسىرلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن .

 

 

 

 

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قەنتسىز ئىچىملىك راستتىنلا قەنتسىزمۇ؟

سەنشى داشۆسى ھاياتلىق ئىلىمى شۆيۈەنىنىڭ دوتسېنتى جاڭ گوخۇا مۇنداق