ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭدا خەلق ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى بېرىلىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-12 17:29

 

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى خەلق ھاۋا مۇداپىئە قانۇنى» ۋە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلق ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى بېرىش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى»گە ئاساسەن، دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قارىشى، ھاۋا مۇداپىئە ئېڭىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 2020-يىل 9-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 12 دە ئاپتونوم رايوندىكى خەلق ھاۋا مۇداپىئە نۇقتىلىق شەھەرلىرىدە بىر تۇتاش سىناق تەرىقىسىدە ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى بېرىشنى قارار قىلدى. ھازىر ئالاقىدار ئىشلار تۆۋەندىكىچە ئېلان قىلىندى:

بىرىنچى، سىگنال بېرىش ۋاقتى: 

2020-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 12 دىن سائەت 12 دىن 19 مىنۇتقىچە بولىدۇ.

ئىككىنچى، سىگنال بېرىش تۈرى:

ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى: سىگنال 36 سېكۇنت بېرىلىپ، 24 سېكۇنت توختىتىلىدۇ، تەكرار ئۈچ قېتىم بېرىلىدۇ (ۋاقتى ئۈچ مىنۇت)؛

ھاۋا ھۇجۇمى سىگنالى: سىگنال ئالتە سېكۇنت بېرىلىپ، ئالتە سېكۇنت توختىتىلىدۇ، تەكرار 15 قېتىم بېرىلىدۇ (ۋاقتى ئۈچ مىنۇت)؛

سىگنالنى بىكار قىلىش: سىگنال ئۇدا ئۈچ مىنۇت بېرىلىدۇ. ھەر بىر خىل سىگنالنىڭ ئارىلىقى بەش مىنۇت بولىدۇ.

ئۈچىنچى، سىگنال بېرىش دائىرىسى:

ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى، كۇيتۇن شەھىرى، قاراماي شەھىرى، غۇلجا شەھىرى، كورلا شەھىرى، چۆچەك شەھىرى، قۇمۇل شەھىرى، تۇرپان شەھىرى، ئاقسۇ شەھىرى، قەشقەر شەھىرى، بورتالا شەھىرى، خوتەن شەھىرى، ئاتۇش شەھىرى، ئالتاي شەھىرى، شىخۇ شەھىرى.

ئومۇمىي خەلق ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى تۈرلىرىنى پەرقلەندۈرۈشكە ۋە پىششىق بىلىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، نورمال تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەت تەرتىپىنى ساقلىشى كېرەك.

 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى

2020 ـ يىل 9 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى

 

 

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شىنجاڭدا خەلق ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى بېرىلىدۇ