ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دىققەت! يەنە ئالتە بىمار كۆپەيدى!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-12 17:30

 

9-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 0دىن 24گىچە، 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە يېڭىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 6 بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى چېگرا سىرتىدىن كىرگەن بىمارلار (شاڭخەيدە ئىككى، گۇاڭدۇڭدا ئىككى، فۇجيەندە بىر، شەنشىدە بىر)؛ يېڭىدىن كۆپەيگەن قازا قىلغان بىمار يوق؛ يېڭىدىن كۆپەيگەن گۇمانىي بىمار بىر، بۇمۇ چېگرا سىرتىدىن كىرگەن بىمار (شاڭخەيدە).

شۇ كۈنى يېڭىدىن ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان بىمار 9، تېببىي كۆزىتىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان قويۇق ئۇچراشقۇچىلار 351 بولۇپ، ئېغىر كېسەللەر ئالدىنقى كۈندىكى بىلەن تەڭلەشكەن.

ھازىرغا قەدەر چېگرا سىرتىدىن كىرگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 154 (بۇنىڭ ئىچىدە ئېغىر بىمار بىر) ، گۇمانىي بىمار بىر. جەمئىي دىياگنوز قويۇلغان بىمار 2625 بولۇپ، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان بىمار 2471 گە يەتكەن، قازا قىلغۇچىلار يوق. 

9-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 24 گىچە، 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ھازىر ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 154 (بۇنىڭ ئىچىدە ئېغىر بىمار بىر) ، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان بىمار جەمئىي  80 مىڭ 386، قازا قىلغان  بىمار  جەمئىي 4634، دوكلات قىلىنغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار جەمئىي 85 مىڭ 174، ھازىر بار بولغان گۇمانىي بىمار بىر. ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈلگەن قويۇق ئۇچراشقۇچىلار جەمئىي 821 مىڭ 662، 6800 قويۇق ئۇچراشقۇچى تېببىي كۆزىتىلىۋاتىدۇ.

31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ دوكلاتىدا يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچى 8 (بىردەك چېگرا سىرتىدىن كىرگەن)؛ شۇ كۈنى بىرەيلەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارغا ئۆزگەردى (چېگرا سىرتىدىن كىرگەن) ؛ شۇ كۈنى 19 بىمارنىڭ  تېببىي كۆزىتىشى بىكار قىلىندى (چېگرا سىرتىدىن كىرگىنى 18)؛ ھازىرغىچە تېببىي كۆزىتىلىۋاتقان كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچى 299ى (چېگرا سىرتىدىن كىرگىنى 298)

شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونلىرىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 5469. بۇنىڭ ئىچىدە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا 4925 (دوختۇرخانىدىن چىققىنى 4598، قازا قىلغىنى 99) ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا 46 (دوختۇرخانىدىن چىققىنى 46)، تەيۋەن رايونىدا 498 (دوختۇرخانىدىن چىققىنى 475،  قازا قىلغىنى يەتتە).

 

 

 

 

 

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دىققەت! يەنە ئالتە بىمار كۆپەيدى!

9-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 0دىن 24گىچە، 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر