ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دىققەت! ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىدىغانلار مۇنۇلارنى تەمىنلەيدۇ ...

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-12 17:50

 

ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: ئەگەر يېقىندا ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىش پىلانىڭىز بولسا، ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق جاي، مېھمانخانا تۇرۇشلۇق جايدىكى مەھەللىگە ئالدىن ئىلتىماس قىلىڭ، مەھەللىدە تەكشۈرۈش ئۇچۇرىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلمىگەندىن كېيىن ئاندىن سىرتقا چىققىلى بولىدۇ، تۆۋەندىكىلەرنى سەمىمىي ئەسكەرتىمىز:

1. ئايرودۇرۇمغا كىرىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرنى تولۇق تەييارلاڭ. 

①«شىنجاڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت كودى» ياكى «ئۈرۈمچى راۋان يول يۈرۈش كودى» يېشىل كودى؛ 

②يېقىنقى يەتتە كۈندە ئۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي بولۇش دوكلاتى ياكى رايون، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي بولۇش، نورمالسىزلىق كۆرۈلمىگەنلىك ئىسپاتى؛ 

2. ئۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرگەندە، ئىسىم-فامىلىسى، جىنسى، كىملىك نومۇرى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنىڭ جەزمەن توغرا بولۇشىغا دىققەت قىلىڭ. 

3. ئايروپىلان كۈتۈش بىناسىغا كىرگەندە ماسكا تاقىۋېلىڭ، ئۆچرەتتە تۇرغاندا بىر مېتىردىن ئارتۇق ئارىلىق قالدۇرۇپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈشكە ئاكتىپ ماسلىشىڭ، ئايروپىلان كۈتۈش زالىدا ئارام ئالغاندا ئورۇن ئايرىپ ئولتۇرۇڭ. ئايروپىلان كۈتۈش بىناسى ئىچىدە ھاۋا ئالماشتۇرۇش، دېزىنفېكسىيە قىلىش كۈچەيتىلدى، ئايروپىلانغا چىقىش ئېغىزىغا قول يۇيۇش دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى سەپلەندى، سىزنىڭ سەپەر مۇھىتىڭىز بىخەتەر، ئىشەنچلىك قىلىندى؛ 

4. ئايروپىلانغا چىقىشتىن بۇرۇن، ئاپتوماتىك تەكشۈرۈش پوكىيى تارقاتقان ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاش ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇڭ ھەمدە سىز بارماقچى بولغان جاينىڭ شەھەر ساغلاملىق كودىنى ئېلىپ، سۈرەتكە تارتىپ ساقلىۋېلىڭ، بولمىسا ئايروپىلانغا چىقالمايسىز، خىزمەتچى خادىملار ئايروپىلانغا چىققاندا قاتتىق تەكشۈرىدۇ. 

ئورگان تەرەپ ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى - «ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتى» نى ئىزدەپ قوشۇۋېلىشىڭىزنى ھەمدە ھەر ۋاقىت ئارقا سۇپىغا سۆز قالدۇرۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز، ئايروپورت خېرىدارلار مۇلازىمەت مەخسۇس لىنىيەسى: 96556 ـ 0991 غا ھەر ۋاقىت تېلېفون قىلىپ مەسلىھەت سورىسىڭىزمۇ بولىدۇ. 

ئۇنىڭدىن باشقا، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ «ئۈرۈمچى - بېيجىڭ» ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ بېلىتى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى نورمال سېتىلىشقا باشلىغان.

ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى مۇنداق خەۋەر بەردى: 8-ئاينىڭ23-، 24-كۈنى يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن CZ690W (14:30دا ئۈرۈمچىدىن ئۇچۇپ، 18:15 دە بېيجىڭ پايتەخت ئايروپورتىغا قونىدۇ) CZ690V (19:25دە بېيجىڭ پايتەخت ئايروپورتىدىن ئۇچۇپ، 23:25دە ئۈرۈمچىگە قونىدۇ) نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنىڭ بېلىتى نورمال سېتىلىدۇ. 

 

8-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئۈرۈمچى ـ بېيجىڭ داشىڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى يېڭىدىن ئېچىلدى. ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئۇچۇرى تۆۋەندىكىچە: ئۈرۈمچىدە 8-ئاينىڭ 25-كۈنى باشلاپ ھەر كۈنى بىر نۆۋەت قاتنايدۇ. 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە، ھەر كۈنى ئىككى نۆۋەت قاتنايدۇ. 9-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن باشلاپ، ھەر كۈنى ئالتە نۆۋەت قاتنايدۇ. كورلىدا 9- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، ھەر كۈنى بىر نۆۋەت قاتنايدۇ. غۇلجىدا 9-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن باشلاپ، ھەر كۈنى بىر نۆۋەت قاتنايدۇ. 

كونكرېت نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچۇرىدا سىستېمىدىكى ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئۆلچەم قىلىنىدۇ. 

ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى 8 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنىدىن 8 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنىگىچە شىخەنزە ـ شىئەن ھۆددە ئېلىنغان ئايروپىلان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە كۈندە بىر نۆۋەت ئۇچۇشنى ئىجرا قىلىدىكەن، شىخەنزىدىن يولغا چىقىدىغان UQ3537 نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ۋاقتى تەخمىنەن 3 سائەت 40 مىنۇت بولىدىكەن. 

 

سەپىرىڭلار كۆڭۈللۈك بولسۇن!

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دىققەت! ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىدىغانلار مۇنۇلارنى تەمىنلەيدۇ ...

8-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئۈرۈمچى ـ بېيجىڭ داشىڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى يېڭىدىن