ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بىمارلارنىڭ تېنىدىكى ۋىرۇسقا قارشى تەنچە قانچىلىك ساقلىنالايدۇ؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-12 18:29

 

 

جامائەتچىلىكنىڭ ئەندىشە قىلىۋاتقىنى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرى داۋالىنىپ ساقايغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ تېنىدە شەكىللەنگەن قارشى تەنچە زادى قانچىلىك ۋاقىت ساقلىنىپ تۇرالايدۇ؟كەلگۈسىدىكى ۋاكسىنا قانچىلىك ۋاقىت قوغدىيالايدۇ؟ دېگەن مەسىلە. 

بۇنىڭغا، مۇتەخەسسىس ۋۇ زۈنيوۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ېيڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ئىممۇنىتېتى شەكىللەنگەندىن كېيىن، ئادەتتە ئالتە ئايدىن 12 ئايغىچە ساقلىنىپ تۇرالايدۇ. كەلگۈسىدىكى ۋاكسىنا ئۆمۈرلۈك ئىممۇنىتېت شەكىللەندۈرەلمىسىمۇ، لېكىن يۇقۇمنى تىزگىنلەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

جۇڭگو كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلىمى بويىچە باش مۇتەخەسسىسى ۋۇ زۈنيوۋ: ېيڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ئىممۇنىتېتىغا كەلسەك، ھازىرچە بۇنىڭ مۇئەييەن بىر نەتىجىسى يوق، لېكىن، تاجسىمان ۋىرۇس ئىممۇنىتېتىغا دائىر باشقا كۆزىتىشلەردىن قارىغاندا، ئۇ ئادەتتە ئالتە ئايدىن 12 ئايغىچە ساقلىنىپ تۇرالايدۇ. باشقا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى، جۈملىدىن كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىلىدىغان قىزىلنى مىسالغا ئالساق، ئىلگىرى بىز قىزىل ئىممۇنىتېتى ئاساسەن ئۆمۈرلۈك بولىدۇ دەپ قارايتتۇق. ۋاكسىنا ئەملەش داۋامىدا بىز يەنە بەزى جايلاردا بەزى ئادەملەرگە نىسبەتەن ۋاكسىنىنىڭ قوغداش ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كېتىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇلارغا تەكرار ئەملەش كېرەكلىكىنىمۇ بايقىدۇق، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئۆمۈرلۈك ئىممۇنىتېت شەكىللەندۈرەلمىگەن، ئۆمۈرلۈك قوغدىيالمىغان تەقدىردىمۇ، پەقەت بەلگىلىك بىر ۋاقىت قوغدىيالىسىلا، كۆپ قېتىم ئەملەش ئارقىلىق ئۇنىڭ قوغداش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

 

 

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بىمارلارنىڭ تېنىدىكى ۋىرۇسقا قارشى تەنچە قانچىلىك ساقلىنالايدۇ؟